22-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر يىغىن قازاقىستان خەلقلىرى ئانسامبۇلىيەسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بۇ يىل ئىچىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇنداقلا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش ھەم ئۇنى قوبۇل قىلىش قارارىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ۋە «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقىنى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخنىڭ كۆپلىگەن سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقلىرى ئانسامبۇلىيەسى رەئىسنىڭ ئورۇنباسارى لېئونىد پروكوپېنكو قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىغا قىسقىچە توختىلىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا سالماقلىق تۆھپە قوشقان ژۇرنالىستلارغا ئانسامبۇلىيە نامىدىن تەشەككۈرنامە ھەم خاتىرە سوۋغىلىرىنى تاپشۇردى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بولۇپمۇ تاتار خەلقىنىڭ پەرزەنتى، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىننىڭ ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇ يەنە ئاكادېمىك ساغىمباي قوزىبايېفنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتى بويىچە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزالار گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى ساۇتبېك ئابدراخمانوفنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇدى.
«سادايى تارانچى» گېزىتى-قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تۇنجى قارلىغىچى» ماۋزۇسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف دوكلات قىلدى. ئۇ «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ نەشر قىلىنىش تارىخى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئېرشات ئەسمەتوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تۇنجى نەشرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1918-يىلى ‹سادايى تارانچى› دېگەن كومىتېت قۇرۇلۇپ، شۇنىڭ ئورگىنى سۈپىتىدە دەسلەپ قازاقىستان دىيارىدا نەشر قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تارالغان مۇشۇ گېزىت بولغان. ئۇنىڭدا ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروفقا ئوخشاش كۆرۈنەرلىك جەمئىيەت ئەربابلىرى خىزمەت قىلغان. باش مۇھەررىرلىككە تاتارىستاندىن تەكلىپ قىلىنغان زەرىف بەشىرى بولغان. ھۆسەيىنبەك يۇنۇسوف دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ شەخسىي باسمىخانىسى ئۇنى چىقىرىشقا خىزمەت قىلغان. مانا شۇنداق جاپالار بىلەن قازاقىستاندىكى بىرىنچى گېزىت 1918-يىلى چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن چىققان بارلىق گېزىتلەرنىڭ ئاساسى سېلىنغان بايرام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز.»
ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق ئەدەپ ھېسابلاشقا ئاساسنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئالىملارنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى، تونۇلغان تارىخچى مۇنىر ئېرزىننىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا دەلىل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن تاشقىرى بىز ساغىمباي قوزىبايېفتىنمۇ مىننەتدار. سەۋەبى ئۇ مۇشۇنىڭغا جان كۆيدۈرۈپ يۈرگىنىگە نەچچە يىللار بولدى. بىز ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› نىڭ 50 يىللىقىنى ئۆتكۈزگەندە ساغىمباي ئاكىمىز چوڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى ئالدىدا شۇنداق دېگەن: ‹بىز خاتا ئىش قىلىۋاتىمىز. ئەسلىدە ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› غا 50 يىل ئەمەس، ئۇنى 90 يىل دېيىشىمىز كېرەك. › ئۇ ئادەم مانا ئۆز مەقسىتىگە يەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ ‹سادايى تارانچى› دىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلارنىڭ بىرى. بۇنىڭغا شەرقشۇناس شاھىمەردان نۇرۇموفمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۆھپە قوشتى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئابدۇكېرىم تۇدىياروف، مىنەمجان ئاسىموفقا ئوخشاش ژۇرنالىستلارمۇ بۇنىڭغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقان.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى، تارىخ دوكتورى، پروفېسسور ساغىمباي قوزىبايېف يەتتىسۇدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ گېزىت نەشر قىلغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق بىر قاتار ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان خەلق ئىكەنلىكىنى يېقىندىن سەزگەن ۋە چۈشەنگەن ھالەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم مۇنىر ئېرزىن بولسا قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقنى پەقەت قازاقىستان ياكى بولمىسا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ۋەقە دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تۇنجى قارلىغىچى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن چوڭ تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور ساغىمباي قوزىبايېف بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي قازاقىستاندا تۇنجى گېزىت «سادايى تارانچى» نىڭ چىققانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭلا قارلىغىچى ئەمەس. شۇنىمۇ ئىشەنچلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەم كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان جامائەتچىلىكىنىڭ تۇنجى قارلىغىچىدۇر. ھەتتا جۇمھۇرىيەتلىك، ئۆلكىلىك گېزىتلەر، مەسىلەن، ھازىرقى «ئېگېمېن قازاقىستان» ئىلگىرى «ئۇچقۇن» بولۇپ 1919-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى پايتەخت ئورېنبۇرگتا چىققان. 13 كۈندىن كېيىن رۇس تىلىدىكى «قىرغىز ئۆلكىسىنىڭ خەۋەرلىرى»، يەنى ھازىرقى «كازاخستانسكايا پراۋدا» گېزىتى چىققان. راست، ئۇ ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ ۋىلايەتلىرىدە گېزىتلەر چىققان بولسىمۇ، ئەمما «سادايى تارانچى» ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىسىدۇر.»
ساغىمباي قوزىبايېف ئۇيغۇر مەتبۇئاتى توغرىلىق ئارخىپلاردا تېپىلغان يېڭى پاكىتلار ئاساسىدا شۇنداق قارارغا كەلگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى سوۋېت دەۋرىدە تەتقىق قىلىشنىڭ ھەم شۇنداق دەپ جاكارلاشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرى، تەتقىقاتلار ۋە مەتبۇئات مەلۇماتلىرى ئاساسىدا ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تارىخىنىڭ 100 يىل ئىلگىرى باشلانغانلىقىنى ئىشەنچلىك ھالدا ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، «سادايى تارانچى» گېزىتى چىققاندىن بۇيان قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلەر قويۇق راۋاجلىنىپ كەلگەن ئىدى.
شۇ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتى قانداق تەرەققىي ئەتتى؟
تارىخچى مۇنىر ئېرزىننىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-ۋە 30-يىللىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر مەتبۇئاتنىڭ چىقىشى مۇمكىن بولمىغان. بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمدارى ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي مۇمكىنچىلىك بەرمىگەن. پەقەت 1934-يىلدىن تارتىپ «شىنجاڭ گېزىتى» چىقىشقا باشلىغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا شىۋېتلار تەرىپىدىن بىر قاتار گېزىت ۋە ژۇرناللار چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇماتى يوق ئىكەن. مۇنىر ئېرزىن مۇنداق دېدى: «ھۈسەيىنبەك يۇنۇسوف 1918-يىلى مارتتا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىغان ۋاقىتتا غۇلجىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ ياققا ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ تىپوگرافىيالىرى، مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە «ھۆر سۆز» دېگەن گېزىت چىقارغان دەيدۇ. ئۇ شۇنداقلا مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن دەرسلىكمۇ چىقارغان. ئۆزى 1934-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن ئايالى زۆھرە خانىم ئۇنىڭ ئىشىنى داۋام قىلغان ئىكەن.»
مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، 1941- ۋە 1945-يىللىرى يۈز بەرگەن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە قازاقىستاندا «كولخوزچىلار ئاۋازى»، «ستالىنچى»، «ئەمگەك تۇغى» گېزىتلىرى چىققان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا 40-يىللىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نەشر قىلىندى. ئىلىدا ئازادلىق ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، 1944-يىلدىن باشلاپ «كۈرەش»، «ئالماناخ»، «ئىتتىپاق» ژۇرناللىرى، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى چىقىشقا باشلىغان. «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى 1946-يىلى گومىنداڭ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن كېيىن «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن شۇنداقلا «ئويغان» گېزىتىمۇ نەشر قىلىنغان ئىدى. 1946-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خىتايچە رېداكسىيەسى گومىنداڭ قولىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر، قازاق تەھرىرلىرى بولسا بىتىم ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى «ئىلى گېزىتى» بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن ئۇيغۇر گېزىتلىرىنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭ كادىرلىرى تۈگەل ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالتايدا «ئالتاي يېركى»، چۆچەكتە «خەلقچىل» گېزىتلىرى قازاق، ئۇيغۇر تىللىرىدا چىققان.