مۇشۇ يىلى 12-ئاپرېلدا قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپىسىنى قوشقان پېشقەدەم ژۇرنالىست مىنەمجان ئابدۇراخمانوف 81 يېشىدا ۋاپات بولدى. كۆپلىگەن زىيالىيلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشقان ماتەم مۇراسىمى 13-ئاپرېلدا ئۆتتى. ئۇنى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئاچتى.
ماتەم مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستاننىڭ پەخرىي ژۇرنالىستى ئابدۇكېرىم تۇدىياروف قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۆزنەكلىك ژۇرنالىست، تالانتلىق تەشكىلاتچى، يۇقىرى ئادەمگەرچىلىككە ئىگە ئىنسان مىنەمجاندىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش. ئۇ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا بېغىشلىغان.»
ئۇ ئۆز سۆزىدە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى، م. ئابدۇراخمانوفنىڭ ئەمگەكسۆيەر، ئۆز كەسپىگە سادىق، ماھىر تەشكىلاتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولسا، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ماقالىلىرىنىڭ گېزىت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىشىدا م. ئابدۇراخمانوفنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ئەمگەكچان، مىللەتپەرۋەر خىسلىتى بىلەن كۆپچىلىككە ئۈلگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاندىن سۆز ئالغان مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شەيمەردان شەرىپوف م. ئابدۇراخمانوفنىڭ تەرجىمەھالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ م. ئابدۇراخمانوفنىڭ كۆپلىگەن ئېغىرچىلىقلارغا قارىماي، يارقىن شەخس سۈپىتىدە شەكىللەنگەنلىكىنى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە خەلقىگە، ئېلىگە خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف م. ئابدۇراخمانوفنىڭ ھەر خىل ساھەلەردە ئاددىي ئىشچىدىن مۇئەللىم، پەيدىن-پەي رەھبەر دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئا. مەسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، م. ئابدۇراخمانوف ئىشقا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ، ھەممىدىن كېيىن كېتىدىغان، بولۇپمۇ ھۆسنى خەتتە كۆپنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىشى بولغان. ئۇ ھەر قانداق بىر ماقالىنى يازغاندا دائىم ئاخباراتشۇناسلىققا ئائىت مەسىلىلەر بويىچە باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراپ، كۆپ ئىزدەنگەن، پېشقەدەم ژۇرنالىستلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، باي تەجرىبە توپلىغان ئىدى.
ئا. مەسىموف سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ئۇ خىزمىتى چوڭ بولغىنى بىلەن مۆتىۋەرلەردىنلا ئەمەس، بىز، ياشلاردىنمۇ سوراشتىن زادىلا ئۇيالمايتتى. مىنەمجان ئاكا ماقالىلىرىنىڭ سۇيۇق بولۇپ قالماسلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇپ، كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى، رەقەملەرنى، قىزىق سەرگۈزەشتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇشقا ئىنتىلەتتى.»
ئىگىلىشىمىزچە، مىنەمجان ھوشۇراخۇن ئوغلى ئابدۇراخمانوف 1936-يىلى 20-ئىيۇندا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق شۇڭقار يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ 1957-يىلى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1962-يىلى تاماملايدۇ. دەسلەپ ئۆز يۇرتىدا تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1965-يىلدىن ئۇيغۇر ناھىيىلىك «ئىلى ۋادىسى» گېزىتىدە بەش يىل ئىشلەپ، ئاندىن ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ 2001-يىلى دەم ئېلىشقا چىقتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خادىمى ئىۋرايىم باراتوف ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەرھۇمنى ئۇستازى سۈپىتىدە قەدىرلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مىنەمجان ئابدۇراخمانوفتىن ئايرىلىش بولۇپمۇ ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› كوللېكتىپىغا ئېغىر كەلدى، دەپ ئويلايمەن. ئۇ چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئۇستاز بولدى بىزگە. ھەممىمىزنىڭ ئاخباراتشۇناسلىقنىڭ قىر-سىرلىرىنى ئېگىلىشىمىزگە باي تەجرىبىسىنى، بىلىمىنى سەرپ قىلدى. بىز، ئۇنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشاتتۇق. مىنەمجان ئاكىنىڭ يارقىن خاتىرىسىنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»
م. ئابدۇراخمانوف كۆپلىگەن ئوچېركلار، ماقالىلەرنىڭ، «شۇڭقار ۋە شۇڭقارلىقلار» خاتىرە كىتابىنىڭ ئاپتورى. ئۇ شۇنداقلا تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس خەمىت ھەمرايېفنىڭ ئىككى توملۇق «غۇلجا يولى» رومانىنى، مەرھۇم تۇردالى مەسۈتوفنىڭ «تەقدىر» كىتابىنى ۋە باشقىلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئەمگىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالىنىپ، ئۇ قازاقىستان ئالىي كېڭىشى، مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە جەمئىيەتلىك رازىمەنلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلىگەن.
ئويغان، ئالماتا
2017-04-13
0:00 / 0:00