29-ئىيۇن كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك 13-قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مەزكۇر مۇسابىقە «سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى قەھرىمانى» دېگەن ئاتاقنى ئالغان مەسىم ياقۇپوف خاتىرىسىگە بېغىشلاندى. بەش كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر مۇسابىقىگە جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 175 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. بۇ قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسى «دىنامو-سۇلتان» تەنھەرىكەت جەمئىيىتى، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۈركسىب ناھىيىلىك ھاكىم ئىدارىسى ۋە «مېتال پروم گۇرۇھى» شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بوكس ماھىرلىرى بىلەن مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارغا پەخرىي يارلىق ۋە باھالىق سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىندى. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىلەردىن بولۇپ «خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى»، داڭلىق بوكسچى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفمۇ ئورۇن ئالدى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى قاتناشقان مۇسابىقىلىرىنى ئەسلىگەنلىكىنى، ھاياتىدا 500 گە يېقىن ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بۇ جەھەتتە ھەر خىل بوكسچىلارنى، ترېنېرلارنى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەتنىڭ ھەر قانداق تۈرىدە ئەڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە ئۇ مۇلايىملىق. مەسىلەن، بوكسچىلار يەكمۇيەك چىققاندا خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىشى كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. بىرىنچى قىسىمدا دەررۇ ھۇجۇمغا ئۆتمەي ئالدى بىلەن ئويناپ، رىقابەتچىسىنى سىناش لازىم. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ شۇنداق مۇسابىقىلىشىش ئىستىلىم بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە تەجرىبىلىك ترېنېر بولۇشى كېرەك. بوكسچى ئۆزىنىڭمۇ تەجرىبىسى بولغىنى ياخشى. ترېنېر ئۆز شاگىرتىنى ئەنسىرىمەسلىككە ئۆگىتىشى كېرەك. مەن مۇسابىقىدىن كۆرۈۋاتىمەنكى، بەزىدە ترېنېرلار شاگىرتلىرىنى تىللايدۇ، ۋارقىرايدۇ. بۇ دۇرۇس ئەمەس.»
ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف ياش بوكسچىلارنىڭ كۆپرەك تىرىشىپ ئىزدىنىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
مەزكۇر مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ بىرىنچى مەقسىتى ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ساغلام ھايات مۇھىتىنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق ھۆكۈمەت ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.
مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى «مېتال پروم گۇرۇھى» شىركىتى باش مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئېلى گاسانوفنىڭ ئېيتىشىچە، دولقۇن ئابدۇخېلىل باشقۇرۇۋاتقان مەزكۇر شىركەت بالىلارنى ساغلام ھاياتقا تەربىيەلەشكە ھەمدە قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شىركىتىمىز دائىم تەنھەرىكەتچىلەرگە، مۇھتاجلارغا ياردەم كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى. بىزدە ئىش ئورنىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق ئادەمنى ئىش بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇنىڭدىن تاشقىرى بىز يېتىملەر ئۆيلىرىگە، مەجرۇھلارغا، بالىلار باغچىلىرىغا ياردەم قولىمىزنى سوزۇپ تۇرىمىز. تەنھەرىكەتكە يەنە توختالساق، ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردۇق. ئۇنىڭ باش ھامىيسى بىزنىڭ شىركەت بولدى. قىسقىسى، بىزگە شەھەر ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر مۇراجىئەت قىلغىنىدا بىز دائىم ياردەمگە كېلىمىز.»
مەزكۇر بوكس مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ يەنە بىرى، خەلقئارا دەرىجىلىك رېپىر زاكىر ئابدۇقادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بوكس مۇسابىقىلىرىگە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ پات-پات قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا 46 بوكسچىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇنلار ئۈچۈن كۈرەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مۇسابىقىگە پۈتكۈل قازاقىستاندىن ۋە بىرى دانىيەدىن كەلدى. 23 جۈپنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. 5-6 ئوغۇل بالا ۋە 2 ئۇيغۇر قىز ئاخىرقى باسقۇچقا چىقتى. ئۇلاردىن «دىنامو-سۇلتان» كۇلۇبىدىن قاناتوف رىنات يەڭدى. مەمەتباقىيېف نودەرمۇ يەڭدى. مۇسابىقە بولۇۋاتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر بالىلىرى بار. ئۇلارمۇ يېڭىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇ مۇسابىقىگە ھۆرمەتلىك مېھمانلارمۇ كېلىپ تۇرىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بوكسچى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف. ئۇ ئىككى قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونى بولغان. يەنە بىر مېھمان خەمىت بەرايېف، ئۇ خەلقئارا دەرىجىلىك رېپىر، قازاقىستاننىڭ تەجرىبىلىك ترېنېرى.»
44 كىلوگرام سالماقتىكى مۇسابىقە چېمپىيونى 15 ياشلىق رىشات مارسېلىموفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسابىقىدە ئۇيغۇرلاردىن يەنە مەلىكەم يۇلچىيېۋا ۋە فارۇق توختاسۇنوف 1-ئورۇنغا، ئادىلەم ئىمىنوۋا، ئىمران نىيازوف، ئەشرەف مۇھەممەد 2-ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىكەن.
رىشات مارسېلىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «7-سىنىپتىن تارتىپ بوكس بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ترېنېرىم سىدىقوف شامىل. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى بولدۇم. شەھەرلىك مۇسابىقىلەردە ئىككىنچى بولدۇم. ئاتا-ئانام ھەممىگە ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ. دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئارمىنىم بار. كېلەچەكتە ترېنېر بولغۇم كېلىدۇ. شامىل ئاكا بىزنى ئۆگىتىپ تۇرىدۇ، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرىدۇ. مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ترېنېر شامىل ئاكا.»
ئىگىلىشىمىزچە، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار 10-15 ياشلاردىكى قىز-يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھىيىلىك، شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەردە بىر نەچچە قېتىم چېمپىيون بولغانلار، ھەتتا تەنھەرىكەت ماھىرى دەرىجىسىگە ئىگە بولغانلار بار ئىكەن.