قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان ھەر يىللىق مەكتۇبىدا 2019-يىلىنى «ياشلار يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ياشلارنى ھەر تەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر بىر ياش قازاقىستانلىق مەملىكەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىسلاھاتلارنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىشى زۆرۈر دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ياشلارنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلماقتا. قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىغان. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ماقالىلەر ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى 2019-يىلىنى قانداق كۈتۈۋالدى؟ ئۇلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پانفىلوف ناھىيىسى ياركەنت تېخنىكىلىق-گۇمانىتارلىق تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى، ياش شائىر مۆلۈتجان توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان 28 يىلدىن بۇيان مەملىكەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتىكەن. ئۇيغۇر ياشلىرى مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىكەن.

مۆلۈتجان توختاخۇنوف مۇنداق دېدى: «ياشلار كۆپلىگەن ئىشلارنى قولىغا ئالدى. ياركەنت تېخنىكومىدا يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياش مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىمۇ ياشلارغا چوڭ شارائىت يارىتىلىدۇ. بۇ يىلى دۆلىتىمىز بولسۇن، مىللىتىمىز مەنپەئەتى ئۈچۈن بولسۇن، كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىشقا بىز تەييار.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالمۇتادىكى «پەرۋاز» ياش ئىجراچىلار بىرلەشمىسى بۇ يىل كۆپلىگەن ياش ئىجراچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ياڭرا، ناخشام» سەنئەت لايىھىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىكەن. مۆلۈتجان توختاخۇنوف ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە كۆپلىگەن پروگراممىلارنى پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى تور بەتلەر ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدا مىللىيلىكنى تەرغىب قىلىش بويىچىمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىردىن-بىر ياشلار تور بېتى «دوپپا-لايف» تور بېتىدۇر. بۇ ھەقتە «دوپپا-لايف» نىڭ رەھبىرى سۈلفى مەشرەپوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تارىخىنى بىلىشىنى ۋە ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى بۇ ھەقتە ماتېرىياللارنى تور بەتكە قويۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. يېقىندا ناخشىچى، كومپوزىتور مۇرات ناسىروفنىڭ خاتىرە كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ يىل كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ماتېرىياللارنى شۇ بەتكە قويماقچىمىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى رەقەملىك شەكىلدە تور بېتىدە ئېلان قىلماقچىمىز.»

سۈلفى مەشرەپوفنىڭ تەكىتلىشىچە، «دوپپا-لايف» تور بېتى 2015-يىلى تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ھازىر 15 كە يېقىن ياشلار ئىشلەيدىكەن. تور بېتىگە ھەر ئايدا 100 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم كىرىپ، ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللار بىلەن تونۇشىدىكەن. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتىكەن.

سۈلفى مەشرەپوف يەنە مۇنداق دېدى: «دوپپا-لايف» تىن باشقا ئايرىم بەتلىرىمىزمۇ بار. بۇ يىل شۇ بەتلەردە كۆپرەك ۋىدېيو ماتېرىياللارنى چىقارماقچىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت چوڭ ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تونۇشتۇرۇشتۇر. بۇ ۋىدىيولار ئارقىلىق ياشلىرىمىزنى ۋە باشقا مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرماقچىمىز ھەم مىللىي ئۇسسۇللىرىمىزنى ئۆگەتمەكچىمىز.».

«قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى» رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلشات ئىمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدىمۇ ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە تىرىشىپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قازاقىستاندا ئۆتۈۋاتقان ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مىسال بولالايدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى تور بەتلىرى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدە شەكىللەنگەن ئېغىر ۋەزىيەتنى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تونۇشتۇرۇش بويىچىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ياشلىرىمىز ياۋروپادا ئۆتكەن مىللىي داۋا پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. مەسىلەن، 2017-يىلى بىريۇسسېلدا ئۆتكەن ياش پائالىيەتچىلەرنى تەييارلاش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇق. شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى جەنۋەدە بولغان نامايىشقا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردۇق. ياشلىرىمىز ميۇنخېندا ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئەلۋەتتە، ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان پاجىئەلەر ياشلىرىمىزنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چەتتە قالمىدى. بىز ئۇ يەردە بولۇۋاتقان بارلىق ئىشلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن داڭلىق ناخشىچىلار، تەنتەربىيەچىلەر، تىجارەتچىلەر، رەسساملار ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەر ساھەلەردە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقا ئىدى. ھازىرمۇ ياشلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان، بوكس ماھىرى دىلمۇرات مېجىتوف، داڭلىق ناخشىچىلار مۇشتەرى ئىسلاموۋا، گۈلسەنەم مەشۇروۋا، شائىرە سابىرەم ئەنۋەروۋا، رەسسام كامىلەم قۇربانوۋا ۋە باشقىلار قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرىدۇر.