قەدىمىي ئۇيغۇر يازما ئەسىرى ئىرق بىتىك ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.07.17
irq-bitik-runik-yeziqi.jpg قەدىمىي ئۇيغۇر يازما ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىرق بىتىك رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان بىر پالنامەنى تەرجىمە قىلغان ياش تەتقىقاتچىلار. 2013-يىلى ئىيۇل.
RFA

قەدىمىي ئۇيغۇر يازما ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىرق بىتىك رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان بىر پالنامە بولۇپ، ھازىرغىچە تېپىلغان يازما ئەسەرلەر ئارىسىدا بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە تولۇق ساقلانغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر بولغان بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق دەۋىرىنىڭ يادىكارىدۇر. يېقىندا ئىرق بىتىك ناملىق بۇ ئەسەر ئەزەربەيجاندىكى بىر قىسىم ياش تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابنى نەشر قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان گۆكبەي ئۇلۇچ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەردە ئۆز كىملىكىنى ئىزدەش، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخىغا بولغان قىزىقىش ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ سەۋەبتىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىنغان تارىخىي كىتابلار ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، كېيىنكى يىللاردا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىممىتى بولغان ئەسەرلەر كۆپلەپ تەرجىمە قىلىندى. بۇ ماتېرىياللار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، قېرىنداشلىق بېغىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلدى. مانا بۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەسەرلىرىمۇ تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ ئەللەردىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتى ۋە يۈز كۆرۈشۈش داۋام قىلماقتا. ئەزەربەيجاندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ داڭلىق ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، 2006-يىلى تۇنجى قېتىم ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنىپ، بۇ جەھەتتىكى چوڭ بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغان ئىدى. يېقىندا، ئەزەربەيجاندىكى بىر قىسىم ياش تىل تەتقىقاتچىلىرى بىرلىشىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «ئىرق بىتىك» نى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان. بىز بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان گۆكبەي ئۇلۇچ ئەپەندىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە بۇ كىتابنى ئەزەربەيجاندا نەشر قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ياش تەتقىقاتچى گۆكبەي ئۇلۇچ تۈركىيەلىك تىل تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەدە بىر قانچە پارچە رومانىمۇ ئېلان قىلىنغان.

گۆكبەي ئۇلۇچ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ كىتابنى ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىتابنىڭ ئەنگلىيەدىكى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدە پروفېسسور تالات بېكىن تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىرق بىتىكتە يەر ئالغان 65 پالنىڭ ھەر بىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزەربەيجانچە تەرجىمىسى ئايرىم-ئايرىم بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئىرق بىتىكتىكى 2 پارچە خۇلاسە سۆزىمۇ ئەينەن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن.

گۆكبەي ئۇلۇچ ئەپەندى قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بىر يىلدىن بۇيان ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە كۆكتۈركچە كۇرسلىرىنى ئېچىپ كېلىۋاتىمىز. ھازىرغىچە 3 قېتىم ئېچىلغان بۇ كۇرسلاردا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا كۆكتۈرك تارىخىنى، تىلىنى چۈشەندۈردۇق. ئوقۇغۇچىلىرىمىز كۆكتۈرك يېزىقىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى، شۇڭا بىز بۇ ھەقتىكى ماتېرىيال تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇق.

گۆكبەي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۆكتۈرك يېزىقىدا يېزىلغان قايسى ئەسەرنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ، بىر قانچە ئەسەرلەر ئۈستىدە ئويلانغان ۋە ئاخىرى ئىرق بىتىكنى تەرجىمە قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىرق بېتىكنى تاللىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:
ئىرق بىتىكنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب شۇ، ئىرق بىتىك پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان كۆكتۈرك يېزىقى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ۋە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن كىتاب. قەغەزگە يېزىلغان ۋە ھەقىقىي بىر كىتاب نۇسخىسىدا بولغان باشقا بىر كىتاب يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرق بىتىك ئەزەربايجاندا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنمىغان. شۇڭا بىز ھەم ئۆزىمىز بۇ كىتابنى ئۆگىنىش، ھەم ئەزەربەيجاندىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىرق بىتىكنى تەرجىمە قىلىشنى قارار قىلدۇق.

گۆكبەي ئۇلۇچبەي سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۆزىنىڭ ۋە ئىرق بىتىكنى تەرجىمە قىلغان باشقا ھەمراھلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ قەدىمىي ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئويى بارلىقىنى، مەسىلەن، ئالتۇن يارۇق ۋە بولۇپمۇ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمىي قول يازما ئەسەرلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۇرپاندا تېپىلغان قوليازما ئەسەرلەرنىڭ نۇرغۇن قىسمى ھازىر گېرمانىيەدە ساقلىنىپ ياتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ھازىرقى تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە بۇ ئەسەرلەرنىڭ 80 پىرسەنتى يەنىلا تەتقىق ۋە تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۇلۇچ باي بۇ خىزمەتنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يازمىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ھەم ئەزەرىچە ھەم باشقا تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇلۇچ بەينىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ خىل تەتقىقاتلارغا ئەزەربەيجان دۆلىتىدىن ياكى باشقا ئورگانلاردىن بىرەر ياردەم بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەتقىقات-تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تېخى يېڭى قۇرۇلغانلىقىنى، ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پۈتۈنلەي خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇلۇچ بەيدىن سىلەرنى خالىسانە ھالدا تۈركلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەتلىرى ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ئۈستىدە خىزمەت قىلىشىڭلارغا تۈرتكە بولۇۋاتقان نېمە دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۆزۈم تۈركىيە ۋەتەندىشى، تەرجىمە قىلغان ئەسىرىمىز ئىرق بىتىك بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرى. كىتاب بولسا ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىندى. بىز بۇ كىتاب ئارقىلىق 3 تۈركىي مىللەت قېرىنداشلىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلدۇق. بۇنىڭ كىشىگە بېرىدىغان خۇشاللىقىنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. بىزنى خىزمەتكە ئۈندەۋاتقان مانا بۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ ھازىر ئەزەربەيجانچە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەزەربەيجاندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى پىششىقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىزمۇ گۆكبەي ئەپەندىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى ئىرق بىتىك ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.