2-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيىنىڭ نىئىگاتا ئۆلكىلىك روتارىي كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاردە گاللې مېھمانخانىسىدا «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ياپونىيە» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىلگەن.
بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە ئۆزىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ياپونىيە» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى كەڭ دوكلات ئاڭلىغۇچىلارغا بايان قىلىپ ئۆتكەن.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم لېكسىيىسىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان كۈسەندىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگىچە تارقالغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددىزم مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى كۈسەن چوڭ ئەلنەغمىسىنىڭ، خىتاينىڭ بۇددا مۇزىكا مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى، كۈسەن چوڭ ئەلنەغمىسىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئارقىلىق 10-ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان ياپونىيىنىڭ قەدىمكى مۇزىكىسى ھېسابلىنىدىغان گاگاكۇ (雅楽) «كاتتا مۇزىكا»غا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختالغان.
لېكسىيىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولسا، ياپونىيە مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان چەتئەللىكلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن شوتوكۇ 聖 徳太子 ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ كورىيە ئارقىلىق ياپونىيىگە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يەردە بۇددا ھەيكەلتىراشلىقىدا ئاجايىپ داڭ چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ لېكسىيىسىدە يەنە، سائىمەئى تەڭرىقۇت (斉明天皇، 594-661) سائىمەئى دەۋرىدىكى چوڭ سۇ قۇرۇلۇشىدىن بىرى بولغان كاگۇياما تېغىنىڭ غەربىيدىن ئىسوگامى ئىبادەتخانىسى(石上神宮)غىچە بولغان 12 كىلومېتىرلىق سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز سۇ سىستېمىسىغا ئاساسەن قۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇندىن باشقا ياپون چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بەش تارىلىق بارباپنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىرى بولغان بەش تارىلىق بارباپ بىلەن ئوخشاشلىقىنى، بەش تارىلىق بارباپنىڭ ھازىرمۇ كۈسەندىكى مىڭ ئۆيلەردىكى تام سۈرەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ياپون مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياپون مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا باشلانغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق سۆزلەپ ئۆتكەن.
دوكلات سائەت ئون ئىككى يېرىمدىن سائەت بىر يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان. دوكلاتقا ئاساسلىقى روتارىي كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، ياپونىيىدىكى روتارىي كۇلۇبلىرى ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى نىشان قىلغان ساخاۋەتچىلەر بىرلەشمىسى بولۇپ،ياپونىيىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇشلىرىنى غەلىبىلىك تاماملىغان ئىدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكلاتتىن كېيىن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىزلەر.