ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى 70-باھارىغا قەدەم قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-12-01
Share
qehriman-ghojamberdi-yalghuz-suret.jpg ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان ھەربىي مۇتەخەسسىس، تەشكىلاتچى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى. 2015-يىلى نويابىر.
RFA/Oyghan

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان ھەربىي مۇتەخەسسىس، تەشكىلاتچى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئۆزىنىڭ 70-باھارىنى قارشى ئالماقتا.

ق. غوجامبەردى 1945-يىلى 1-دېكابىردا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قەينەزەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1963-يىلى يېڭىشەر قازاق ئوتتۇرا مەكتىپىنى، 1968-يىلى تاشكەنت ئالىي ئومۇمەسكەر قوماندانلىق ھەربىي مەكتەپنى، 1974-يىلى كېڭەش ئىتتىپاقى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئالىي كۇرسىنى، 1977-يىلى سوۋېت ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ شتاب ئوفىتسېرلىرىنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كۇرسىنى، ئەمدى 1981-يىلى بولسا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەچكى بۆلۈمىنى تاماملىغان. ق. غوجامبەردى 1968-ۋە 1990-يىللار ئارىلىقىدا ۋىزۋود كوماندىرىدىن دېۋىزىيە شتابى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىملىرىغىچە خىزمەتتە بولدى.

ئۇ 1991-ۋە 1993-يىللىرى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىدى. 1992-يىلدىن تارتىپ ق. غوجامبەردى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 2004-يىلدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 2006-ۋە 2009-يىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە رۇسىيە بويىچە ئورۇنباسارى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇردى.

ق. غوجامبەردى ھەر يىللىرى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇرلار تارىخ نۇقتىئىنەزىرىدە»، «ئۇيغۇرلار»، «ماقالىلەر»، «كوممۇنىستىك خىتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوسىياسىي تارىخى» ناملىق مونوگرافىيەلەرنىڭ، شۇنداقلا «رابىيە قادىر: ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە كونتېكىستىدىكى سىياسىي پورترېت»، «2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسى»، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا كۇرسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن قۇرۇلتىيى» ناملىق كىتابچىلارنىڭ ئاپتورىدۇر.

ق. غوجامبەردى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىش-پائالىيىتى ۋە بەزى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

- قەھرىمان ئاكا، سىزنى بۈگۈنكى 70-باھارىڭىز بىلەن چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. سىزگە زور سالامەتلىك، ئۇزاق ئۆمۈر، ئىشلىرىڭىزغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمىز.
- رەھمەت!

- ئۇيغۇرلار تارىخىغا قىزىقىش سىزدە قاچان پەيدا بولدى؟ سىز دەسلەپ تونۇشقان تارىخىي ماتېرىيال قايسى؟ ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتىڭىز قانداق بولدى؟

- ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يېڭىدىن مۇشۇ «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى چىققان. شۇ گېزىتتىكى تارىخ توغرىلىق مەسىلىلەرگە قىزىققان ئىدىم. بىرىنچى كىتاب ئاتاقلىق ئالىمىمىز مۇرات ھەمرايېفنىڭ رۇس تىلىدا چىققان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى» دېگەن كىتاب. كېيىنىرەك ھەربىي ئوقۇش ۋاقتىدا زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تارىخقا قىزىقىش ناھايىتى كۈچەيدى. كېيىن ئەسكەردىن قايتىش ئالدىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» دا بىزنىڭ كارامەت ئالىمىمىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» كىتابى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇ كىتاب ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلدى.

- سىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بىر قاتار ئەمگەكلەرنى يازدىڭىز. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا، مەدەنىي مىراسىغا سىز قانائەتلەنگۈدەك ۋارىسلىق قىلىۋاتامدۇ؟

- ئۇدۇل جاۋاب، قانائەتلەنگۈدەك ۋارىسلىق قىلالمايۋاتىدۇ. چۈنكى بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەڭ يۈكسەك كلاسسىك ئەسەر، مەسىلەن، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتاتغۇ بىلىك»، ماھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە شۇنىڭدىن بېرى كېلىۋاتقان ناھايىتى كۆپ ئەسەرلىرى بار. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى ئۇيغۇرىستاندا سەھنىگە شۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان شەخسلەر چىققان ئىدى. مەسىلەن، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى، قازاقىستاندا ھېزمەت ئابدۇللىن، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ۋە باشقىلار. لېكىن، ھازىر يا ئانا ۋەتەندە، يا دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدە شۇ ئۇلۇغ مەدەنىيىتىمىزگە، تارىخىمىزغا ۋارىسلىق شۇ دەرىجىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى بېسىش كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.

- سىزنى قازاقىستان ئىچىدىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن سىرتىدىمۇ تونۇلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ھەم سىياسەتشۇناس سۈپىتىدە ياخشى بىلىدۇ. مۇشۇ يۆنىلىشتە سىزنىڭ باسقان تۇنجى قەدىمىڭىز قاچان؟

- مەن ئىستېپاغا چىقىپ، يېرىم يىلدىن كېيىنلا 1991-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە كىردىم. شۇ ۋاقىتتا بىرىنچى تونۇشقىنىم ئىستېداتلىق ئالىم ئەنۋەر ھاجىيېف بولدى. ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىنى ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەدەنىيەت مەركىزىنى ئىسلاھات قىلىش، باشقىدىن قۇرۇش مەسىلىسى كۆتۈرۈلدى. ئاڭغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تارىلىپ كەتتى. سۆھبەتلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇش مەسىلىسىنى قويدۇم. مېنى بىرەسمىي بىر ئۇيۇشمىغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن باشلىدۇق. ئامما ھەقىقىي سىياسەتنى مەن 92-يىلى 1-يانۋاردا باشلىدىم، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقىغا رەئىس بولۇپ سايلاندىم. شۇ يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدا ئۆتكەن 1-دۇنياۋى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» دا ئۈزۈل-كېسىل سىياسىي ئىشقا بەل باغلىدىم.

- سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرىڭىز، پائالىيىتىڭىز قانائەتلەندۈرەلەمدۇ؟ سىزچە ئەمەلگە ئاشماي قالغان مەقسەت-نىشانلىرىڭىز بارمۇ؟

- قانائەتلەندۈرمەيدۇ. چۈنكى 92-يىلقى قۇرۇلتايدىن تارتىپ مەن ئۆزۈمگە نىشان بەلگىلىگەن ئىدىم. مىللىتىمىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي سەۋىيىسىنى، يەنى مۇستەقىل دۆلەتنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئۆزۈمنىڭ كۈن تەرىپىمگە ھاياتىي بىر مەقسەت قىلىپ قويغان ئىدىم. مىڭ ئەپسۇس، قىلىۋاتقان پائالىيىتىمىز، تىرىشچانلىقىمىز كۆزگە كۆرۈنەرلىك، قانائەتلەنگۈدەك بىر نەتىجە بەرمەيۋاتىدۇ.

- ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى مەسىلىلىرى بويىچىمۇ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمەن ئەتىكى كۈنىنى، تەقدىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟

- تەسەۋۋۇر قىلىمەن. كېيىنكى 10-15 يىلنى ئالىدىغان بولساق، پۈتكۈل دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر دۇنيادا جۇغراپىيىلىك-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار. خىتاي قانچە تىرىشقان بىلەن ئۇنىڭدا ھازىر ئىقتىسادىي كرىزىس مەۋجۇت. خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىكى ئىدىيىۋى كرىزىس، تەشكىلىي كرىزىس. شۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چوڭ بىر ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىدۇ. دۇنيا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.
- رەھمەت!

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت