يېقىندا ئالماتادا جۇمھۇرىيەتلىك«ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر» ئەدەبىي - بەدىئىي ژۇرنىلىنىڭ يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى سانلىرى يورۇققا چىقتى. ژۇرنالنىڭ يەتتىنچى سانىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان ئاتاقلىق شائىرلار روزى قادىرىنىڭ «سىلەرگە بارلىغىم»، «دوست»، «ۋىجدان» «ئالدىدا»، «ئادەملەر»، «باغ ياراتقان قىز»، «دوستلار»، زىيايدىن قاھاروفنىڭ «ۋەتەن»، «ئىلى دەرياسى»، «ئالمۇتا»، «سېنى ئەسلەيمىز»، «باھار گۈللىرى»، «سەھەردە - تاغدا»، ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ئابلىز نازىرىنىڭ «چېچەك پەسلى»، «قار ۋە مايسا»، «مەن ۋە نەۋرە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدا شۇنداقلا سوۋېت - ياپون ئۇرۇشى قاتناشقۇچىسى، پەن دوكتورى تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ «جەڭچى دوست خاتىرىسى»، تاشكەنتلىك ئالىم پەرھات ھەمرايېفنىڭ «لېكىم ئىبراھىموفنىڭ دانىشمەنلىكى ۋە بىلىملىرى» ناملىق ماقالىلىرى، تالانتلىق يازغۇچىلار تۇرغان توختەموفنىڭ «دادامنىڭ ئاخىرقى خېتى» پوۋېستى ۋە جامالدىن بوساقوفنىڭ «كۆچ - كۆچ» رومانىدىن ئۈزۈندىلەر ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى مەزكۇر ساندا بېسىم ئورۇننى يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئۆزبېكىستانغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە يېزىلغان «ئۇيغۇرابادقا يول» دەپ ئاتالغان ئەسىرى ئىگىلەيدۇ.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزادى رابىك ئىسمايىلوف بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى ئەدىپلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا جۇرنالنىڭ يەتتىنچى سانىنىڭ مەزمۇنىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
بىز قانداقلا بولمىسۇن، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسمى. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، تونۇلغان يازغۇچىلارنى مۇشۇ قازاقىستان ياشاۋاتقان ئۆز خەلقىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇشنىمۇ جۇرنال ئۆزىنىڭ مەقسىدى سۈپىتىدە شۇ ياقتىكى ئىستېداتلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىزنىڭ كىتابخانلار بىلەن كەڭ رەۋىشتە تونۇشتۇرماقچى.
ژۇرنالنىڭ سەككىزىنچى سانى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ قازاق خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئاتاقلىق ئالىم، ساياھەتچى ۋە ئېتنوگراف چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيىسى ھەققىدە يېزىلغان «ئۇيغۇرىيەنىڭ چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىسى تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشى» ناملىق ماقالىسى بىلەن باشلىنىدۇ. كېيىنكى سەھىپىلەردە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇلغان شائىرلار ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «ئالتۇن بۇلاق»، ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە بېغىشلانغان «شائىر خاتىرىسىگە»، «تال - تال ئاق چاچلىرىڭ تاڭ نۇرى، ئانا»، «تاڭدا تۇرۇپ»، «دالا ناخشىسى»، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە قوشاق»، «قەشقەر ئۇستىسىغا»،»تارىمغا مۇھەببەت»، «مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس»، «قارا ۋە ئاق» ئوخشاش ئەسەرلىرى ئۇچرايدۇ. بۇ ساندا شۇنداقلا قازاقىستانلىق يازغۇچى شايىم شاۋايېفنىڭ «بىلال نازىم» رومانىدىن، 18 - ئەسىر شائىرى موللا ئابدۇلەلىم، يەنى شائىراخۇننىڭ «ئىسلامنامە» ئەسىرىدىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - ۋە 30 - يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچى نۇر ئىسرايىلوفنىڭ «كۈنلەر» پوۋېستىدىن پارچىلار بېرىلگەن. جۇرنالدا تاشكەنتلىك ئالىم كەرىمنىڭ ئۆز بوۋىسى، دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ خاتىرىسىگە بېغاشلاپ يازغان «يوقلۇقى سەۋەبىدىن» ناملىق نەسرى ئەسەرى بىلەن بىر قاتاردا ئابدۇۋەلى سادىروفنىڭ «ئورخۇن دەرياسى» شېئىرى، ئابلىز غوپۇرنىڭ رەسسام كۈرەش زۇلپاقىروف ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «كۈرەشچان كۈرەش» ماقالىسى بېرىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزادى رۇسلان ئارزىيېف «قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى»نىڭ پائالىيەت يۆنىلىشلىرى ھەم ئۇنىڭ ماۋزۇ ۋە مەزمۇن دائىرىسىنى ياخشىلاشتا نېمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:
قازاقىستاندا ئۇيغۇر «قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى»نىڭ تەشكىل قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋەقە بولدى، دەپ ئېيتساق ئارتۇق بولمايدۇ. بۇ جۇرنال ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ئىككى نومېرىنى قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەم قازاقىستاندىكى داڭلىق شائىر - يازغۇچىلارنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى بېرىشكە تىرىشقان. بۇ جۇرنالنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئومۇمەن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلايمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تالانتلىق شائىر - يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا بۇ جۇرنال مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.
0:00 / 0:00