قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەتبۇئاتى بەزى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆز تەرەققىياتىنى يەنىمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالماتادا نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىت ۋە ژۇرناللار قاتارىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى» نىڭ ئەنە شۇنداق ئۆز مەبلىغى ھېسابىغا چىقىۋاتقانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. يېقىندا ئۇنىڭ 4 - ۋە 5 - سانلىرى يورۇق كۆردى.
بۇ سانلاردا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن زەلىلى ۋە نۆبىتىنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى رۇس تىلىدا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېف تەرجىمە قىلغان. «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى» نىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئىجات قىلىپ، خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەندلىرىگە ئايلانغان ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرى ژۇرنالنىڭ ھۆرمەتلىك سەھىپىلىرىدىن پات - پات ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمدا مەشھۇر يازغۇچىلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ۋە زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر، شۇنداقلا شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىرلىرى بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ 4 - سانىدا ھازىر لوندوندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئەزاسى ئەزىز ئەيسانىڭ «بوغۇلغان ھېسلار»، «بىر گۈل ئېچىلسا»، «سەھەر تىنىقلىرى»، «خەرىتەمدە سەن» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئەلۋەتتە، «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى»دا ئاساسىي ئورۇن تۇركى جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ، رەسساملىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە بېرىلگەن. بۇ سانلاردا ئابلىز ھېزىم، گۈلبەھرەم خوشايېۋا، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، ئابدۇخالىق ماخمۇدوف، ئىسرايىل ئىبراھىموف، ئىسمايىلجان ئىمىنوف، تېلمان نۇراخۇنوف، گۈلنارە ئائۇتوۋا ئوخشاش تونۇلغان يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى، خەمىت ھەمرايېف، مالىك مەھەمدىنوف، پەرھات ھەمرايېف ۋە باشقىلارنىڭ ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلىرى، كۈرەش زۇلپىقاروف، ئابدۇكېرىم ئىيسا، رۇسلان يۈسۈپوف، يۈسۈپجان تۇردىيېف قاتارلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى ئورۇن ئالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا بىر ئاز ئىلگىرىلەشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ كۆپىيىشى. ئەگەردە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز چىقىپ كېلىۋاتقان «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى، تۇرمۇش - تىرىكچىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىگە ئائىت قىزىقارلىق مەلۇماتلار بىلەن تونۇشۇپ كەلگەن بولسا، ھە، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىنى گېزىتىمىز سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇپ كەلگەن بولسا، ھازىر بۇ مۇمكىنچىلىكلەر يەنە تېخىمۇ كەڭەيدى. بىز قىزىقىپ ئوقۇيدىغان «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، «ئىنتىزار»، «ئاخبارات»، «غۇنچە» قاتارلىق ژۇرناللار سېپىگە مانا ئەندى يەنە بىر نەشر «ئۇيغۇر پەن ژۇرنىلى» لىمۇ قوشۇلدى. ئۇلار ئۆز خىراجىتى بىلەن چىقىۋاتقىنىغا ھەم باشقىمۇ كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مەزمۇنى، سۈپىتى جەھەتتىن ھېچ بىر گېزىت - ژۇرنالدىن قېلىشمايدۇ. يېقىندا «ئۇيغۇر پەن ژۇرنىلى» نىڭ نوۋەتتىكى تۆرتىنچى ۋە بەشىنچى سانلىرى يورۇق كۆردى. ئۇلاردا ئاساسەن شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ، رەسساملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى، ئالىملىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىز ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ باي نەمۇنىلىرى پات - پاتلا بېسىلىپ تۇرىدۇ. ژۇرنالنىڭ ئۇمۇمى سۈپىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگۈم كېلىدۇ. بۇ يەردە شۇ ژۇرنالنى نەشرگە تەييارلاۋاتقان ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى خەمىت ھەمرايىفنىڭ ۋە شۇنداقلا «مىر» نەشرىيات ئۆيى خادىملىرىنىڭ ھارماي ئىزدىنىپ، كۆپ تىرىشقانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈشكە بولىدۇ. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بولۇپ، خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ژۇرنال بولۇشىنى تىلەيمەن.»