تۈركىيەنىڭ ئىزمىت شەھىرىدە 3 كۈن داۋام قىلغان «7-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» 23-ئاۋغۇست كەچتە ئاخىرلاشتى ۋە يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
«خەلقئارالاشقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى» دېگەن نامدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا، سەئۇدى ئەرەبىستان، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترىيە، نورۋېگىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنى ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئومۇمىي نەزەر. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان پوزىتسىيىسى، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى يولىدىكى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل-چارىلىرى، خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى. خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسلامى پىكىر تەشنالىقى دېگەندەك بىر قاتار قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيەلەر سۆزلەندى. ھەر خىل مۇلاھىزە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت كۆپلىگەن تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.
ھىداتيەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: 3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىختىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا خەلقئارا سەھنىدە ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى، بىز بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن ئىسلام ئېتىقادىمىزغا ئۇيغۇن ھالدا ئەڭ ياخشى شەكىلدە قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيىدە پىلان، ئىستراتېگىيە، يول خەرىتىلىرىنى بەلگىلەش توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپ ۋە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دوكلاتتا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: يىغىندا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىندى، ئىسلام ۋە غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقى، ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخى ھېچ قانداق بىر ئۇيغۇر سىياسىتى ياكى قانۇنى يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي قانچىلىك كۈچەيگەنسىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ شۇنچىلىك چوڭىيىپ دۇنيا يۈزىگە چىقىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ۋە نىشان ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. خۇلاسە دوكلاتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئىستراتېگىيە يولىمىزدا، كەلگۈسى ھەرىكىتىمىزدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەرنىڭ بىزنى قوللىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ۋە ئۇلار تۈرك دۆلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىر كۈنى چوقۇم بىزنى قوللايدۇ دەپ ئۈمىد بىلەن قاراش ۋە ئىستراتېگىيە بەلگىلەش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىمايدىغانلىقى، ئەمما پۇقرالار، سىياسىيونلاردىن خىتاينى خەتەرلىك دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەرەپدارلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتە قوللاش ئېھتىمالى بارلىقى ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك بىر خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.ئوتتۇرا ئاسىيا قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىيالمايۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنمەستىن خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.
خۇلاسە دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز دېگەن پىكىر بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقى، بۇ خىل قاراشنىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكى ۋە سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز دېگەن سۆزنىڭ خىتاي بىلەن قارشىلاشمايمىز دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردە كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش قىزغىنلىقىغا، سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق سەپسەتىسى ئارقىلىق ئەكس تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكى ۋە خىتايغا قارشى تۇرماسلىق بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
0:00 / 0:00