ئىگىلىشىمىزچە، 23-ئاپرېل كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە قەشقەر شەھىرىدىكى ئىلىم سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلاردىن ئوسمان ھاجىم قاتارلىق ئون نەچچە كىشى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، قەشقەر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، «قەشقەر قۇتبىلىگ كۇتۇپخانىسى»نى قۇرۇپ، ئىككى يۈزدىن ئوشۇق شائىر، يازغۇچى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە شۇنداقلا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتنىشى بىلەن كاتتا ئەنجۈمەن ئۆتكۈزۈپ، كەڭ ئاۋام ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن.
قەشقەردىكى «قەشقەر قۇتبىلىگ كۇتۇپخانىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئېلى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاتاقلىق شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان، پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئىچى-تېشىنى مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەپ، يېتەرلىك شىرە-ئورۇندۇق، كىتاب، گېزىت، ژۇرنال جاھازلىرىنى سېتىۋېلىپ، 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تارىخ،مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، پەن-تېخنىكا ۋە شۇنداقلا قانۇن-سىياسەتكە دائىر كىتابلارنى تەييارلاپ، كۇتۇپخانىنىڭ دەسلەپكى خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن بۇ كۇتۇپخانىنى خەلققە تەقدىم قىلغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، شائىر ئىمىن ئەھمىدى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.