چار رۇسىيەنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى

0:00 / 0:00

چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 19-ئەسىرگە ئائىت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارىسىدىن 1880-يىلى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلىنى باش قىلىش پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلغان بولۇپ، رۇس ئالىملىرى بۇ ئارخىپلارنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇمكى 1878-يىلى، زو زۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە- يەنى يەتتە شەھەر دۆلىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چىڭ ئىمپېرىيىسى چار رۇسىيەدىن ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، چار رۇسىيە ھەربىي-مەمۇرىي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق رۇسىيە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇش لازىممۇ دېگەن مەسىلىدە جىددىي تالاش-تارتىش كېلىپ چىقتى. ئىلى كرىزىسى دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقە نەتىجىسىدە چار رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشتى.

چار رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەخپىي ساقلانغان ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنى ئۆز پىلانىغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەكقۇل بەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە دۆلىتىنى، بەيياڭخۇ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچى ۋە ماناسنى ئاساس قىلىپ تۇڭگان دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇشنى پىلانلاپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى توپلاپ ھەرىكەت باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما 1881-يىلى چار رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسىيە ئۆز كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە، چىڭ سۇلالىسى ئىلىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن پېتېربۇرگ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش پىلاندىن ۋاز كەچكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.