قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە بىر مەھەللىگە جەم بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇلار بۇ يىلمۇ ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا مەھەللىسىدىكى تۈركىستان مەسچىتىدە ھېيت نامىزى قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى سويغاندىن كېيىن 4 كۈن پۈتۈن ئۆيلەرگە ئوپچى پەتە قىلىپ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇرلار يېتىم-يېسىر، قۇربانلىق قىلالمىغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدى، ياشىنىپ قالغانلاردىن ھال سورىدى، رەنجىپ قالغانلار كېلىشتى. تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دەپ ئاتىغان قۇربانلىقنى سويۇپ مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەردى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن قۇرئانى كېرىم تىلاۋەت قىلىندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. كېيىن مەھەللىنىڭ ئاق ساقاللىرى سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇندىن 50 يىل بۇرۇن ۋەتىنىدە ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيت توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇلار سۆزىدە قۇربان ھېيتنىڭ ئۆزئارا ئاداۋەتنى تۈگىتىپ ئىتتىپاقلىقنى، ئۆزئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىدىغان بىر ھېيت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
4 كۈن قۇربان ھېيت بويىچە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ ياشاۋاتقان تۈركىستان مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشتى، ھېيت ئەھلى ھەربىر ئۆينى پەتىلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا شېھىت بولغانلارغا دۇئا قىلدى.
بىز قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئاياللار كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن نۇرجان خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ئايرىلغىلى 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ياش-ئۆسمۈرلەرنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ يىلقى قۇربان ھېيت شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى تۈپەيلى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنىڭ غەش ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نۇرجان خانىم بولسا قەيسەرىدىكى خانىم قىزلارنىڭ ھېيت ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.