قەيسەرىدە ئىككىنچى ئۇيغۇر مەھەللىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

قەيسەرى شەھىرىنىڭ بەلسىن دۆلەت قورۇ-جايلىرى ئەتراپىدا ئۇيغۇر مەھەللىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان.

2014-يىلىنىڭ بېشىدىن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. دەسلەپتە تۈركىيە دۆلىتى بۇ ئۇيغۇرلارغا قەيسەرى شەھىرى بەلسىن دۆلەت قورۇ‏-جايلىرىدىن 100 يۈرۈش بىنا ئۆينى ۋاقىتلىق تەسىس قىلغان ئىدى. بۇ قورۇ‏-جاي تولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى بىنالارنى ئىجارىگە ئېلىپ، بۇرۇن 2 مىڭ ئەتراپىدا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يەتكەن. ھازىر بۇ قورۇ‏-جاي ئىچىگە ئىككى ناۋايخانا، بىر ئاشخانا، بىر ساتىراشخانا، ئىككى دۇكان ئېچىلغان بولۇپ، مەسچىتىدە ئەزان ئاۋازى، مەكتىپىدە بولسا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئاۋازى ياڭرىماقتا. ئاخشاملىرى بەزى ئۇيغۇرلار قورۇ‏-جاي ئىچىدە كاۋاپ ۋە چاي تۇخۇمى قىلىپ ساتماقتا. بىز بۇ مەھەللە توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ مەھەللىنىڭ بەرپا بولۇشىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، بۇ مەھەللىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىدە بۇرۇن 1964-يىلى كېلىپ جايلاشقان ئەخمەت يەسەۋى تۈركىستان مەھەللىسى نامىدا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ بارلىقىنى، 2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشى بىلەن ئىككىنچى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا مىكروفون ئۇزارتقىنىمىزدا، ئەمەت جان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش تۈركىيەدە ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشىغانغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، قەيسەرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىقىنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تۈركىيە نوپۇسقا ئالسا نۇرغۇن مەسىلىنىڭ ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، تايلاند تۈرمىلىرىدە كۆپ جاپا تارتقان بىر ئۇيغۇر قەيسەرىدە ئۆزىنى بەكلا بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، دىنىي-ئىبادەتلىرىنى ئەركىن بەجا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما داۋالىنىش ۋە نوپۇس جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلىتى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى باشقۇرۇش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرى ج. خ ئىدارىسىدىن ئىقامەت ئېلىشى توغرىسىدا ھۆججەت چىقارغاندىن كېيىن، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەھەللە ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇر مەھەللىسى كۈنسايىن كېڭەيمەكتە.