قىرغىزلارنى مەجبۇرىي ئولتۇراقلاشتۇرۇش خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق رەسمىي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆچۈپ ياشاۋاتقان قىرغىز ئاھالىسىنىڭ «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» سىياسىتى بويىچە مۇقىم ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەنىمۇ كۆپ چارۋىچى قىرغىز خەلقىنى مۇقىم ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، 2014 - يىل ئىچىدە 200 مىڭدىن ئوشۇق چارۋىچى خەلقنى ئولتۇراق ھاياتقا ئېرىشتۈرۈپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە، بۇنى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدىكى قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتى ياپونىيەلىك بىر فوتوژۇرنالىستنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ژۇرنالىست گو تاكاياما ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇلۇغچات يېزىسىدىكى قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھاياتىغا ئۆتۈش جەريانلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ قىرغىز خەلقىنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ئۈستىدە ئىگە بولغان تەسىراتلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان. مەزكۇر فوتو ماقالىسى ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان ھەپتىلىك خەۋەلەر ژۇرنىلىدا «چارۋىچىلىقتىن شەھەرلىشىش» تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدە ژۇرنالىست گو تاكاياما ئۆتكەن يىلى باھاردىن ياز پەسلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قىزغىزلار بىلەن بىرگە بولغان ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغان بولۇپ، ماقالىسىگە قىرغىزلار تۇرمۇشىغا دائىر جەمئىي 14 پارچە رەڭلىك قىستۇرما سۈرەتلەرنى بىرگە بېرىپ، بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق شەھەرلەشكەن قىزغىزلار ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ ناھىيەدىكى تەبىئىي مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلغان ۋە ماقالىسىگە «سۈرەتنىڭ كۈچى» دەپ قوشۇمچە تېما قويغان.

ژۇرنالىست گو تاكاياما ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان قىرغىزلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ياز پەسلىدە چارۋا ماللىرى بىلەن ئېگىز تاغ چوققىلىرىغا ۋە يايلاقلارغا كۆچسە، قىشتا تاغ باغرىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئائىلىدە ئەرلەر ئاساسلىقى ئوتلاق ۋە يايلاقلاردا مال بېقىش بىلەن شۇغۇللانسا، ئاياللارنىڭ ئۆيلەردە سۈت سېغىش، قېتىق ئۇيۇتۇش، قوي ۋە ئۆچكە يۇڭىنىڭ ئەسلى رېڭىنى ئاساس قىلىپ گۈل بېسىپ، خىلمۇ خىل كىگىز ياساش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ناماتمان، شىرداق قاتارلىقلارنى ياسايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشى بۇ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئاپتور قەشقەردىن باشلىنىپ ئۇلۇغچاتقا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ بۇ چارۋىچىلارغا ئىقتىسادىي نەپ بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىشىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ:«ئۇلۇغچاتتا ھازىر نوپۇس كۆپەيگەن، يەر قىسلىشىپ، ئېگىز بىنالار بەرپا قىلىنغان، گۆشنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، گۆش يەيدىغان ئادەملەر سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يايلاقلار ۋە تاغلار ئىكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراپ، يايلاقلار تارىيىپ، قويلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن» دەيدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلدا كۆپ قېتىم ساياھەتتە بولغان ساتوشى ئارىما خانىم خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا كۆپلەپ كان ئېچىشى ۋە تۈرلۈك خىمىيىۋى زاۋۇتلارنى قۇرۇشى نەتىجىدە بۇ رايونلارنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يايلاقلار ۋەيران قىلىندى. ئۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق يەر ئاستى ئاتوم بومبىسى سىنىقىدىمۇ مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ئىدى»دەيدۇ.

ژۇرنالىست گو تاكاياما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلارغا قوللانغان كۆچمەن چارۋىچىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسى چارۋىچىلارنى شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە مەجبۇرلىغانلىقتىن، مەن بىلىدىغان بىر ئائىلە 50-60 تۇياق تۇياق قويىنى سېتىپ ھۆكۈمەت بەرگەن ئازغىنە ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بىلەن بانكىدىن قەرز ئېلىپ شەھەردىن ئۈچ ئېغىزلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ شەھەردىن ئۆي سېتىۋېلىشى ئانچە ئاسانغا توختىمىغان» دەيدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان يېزا ئىگىلىك پەنلىرى دوكتورى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى خىتاينىڭ كۆچمەن چارۋىچىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

ژۇرنالىست گو تاكاياما ماقالىسىدە شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن چارۋىچىلار ئىشسىز قالغانلىقتىن ئۇلار ئاقىۋەتتە يەنىلا شەھەردىكى ئۆيلىرىنى تاشلاپ قويۇپ تاغقا كۆچۈپ بېرىپ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇلار شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن بىلەن شەھەردىكى خىزمەتلەر كۆچمەن خىتايلاردىن ئۇلارغا ئاشمايدۇ. ئاقىۋەتتە، يەنىلا ئۇلار جان بېقىشنىڭ كويىدا شۇ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق قىلىش يولى ئارقىلىق جېنىنى بېقىشقا مەجبۇر بولغان» دەيدۇ.

قىرغىزلارنىڭ ئىلىم ‏- بېرىم ئىشلىرىدا يەنى چارۋا مال سودىسىدا ھېساباتلارنى قەغەزگە يازماي قوللىرىغا يېزىپ سودا قىلىدىغانلىقىنى، چوڭلار ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسىم قائىدە يوسۇنلىرىنى بىلسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن ياشلارنىڭ دىنسىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، توققۇز ياشلىق باھنۇرنىڭ يۈزدىن ئوشۇق قوينى ئۆزى يالغۇز باقىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئائىلىۋى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قىرغىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قىلىۋاتقانلىقىنى، ياشلارنىڭ بولسا ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن ئەتىدىن كەچكىچە كوچا-كويلاردا بىليارد ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

ژۇرنالىست گو تاكاياما گەرچە ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كۆپلىگەن ئېگىز بىنالار سېلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىقتىسادىي كىرىمى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بىنالارنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن قىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن يەنىلا تاغدىكى چارۋىچى يىگىتلەرگە ئۆيلۈك بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ تور مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ناھىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.