0:00 / 0:00
1999 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن ھەر يىلى 21 - فېۋرال كۈنىنى «ئانا تىلنى قوغداش كۈنى» تەرىقىسىدە خاتىرىلەش قارار قىلىنغان ئىدى.
2000 - يىلدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا بويىچە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقان «ئانا تىلنى قوغداش» كۈنىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندىكى پىشقەدەم ژۇرنالىست، ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەمشىدىن ئابدۇرىھىم رادىيومىزغا سۆھبەت بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
دىققىتىڭلار شەمشىدىن ئابدۇرىھىم بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.