قىرغىزىستاندا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

9-ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە دېگۈدەك فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى تەنتەنىلىك خاتىرىلەندى.

1941-يىلدىن 1945-يىلغىچە داۋام قىلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا قىرغىزىستاندىن 365 مىڭ ئادەم ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان بولۇپ،بۇلاردىن 195 مىڭ ئادەم ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قۇربان بولغان. 73 نەپەر جەڭچى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى» نامىغا ئېرىشكەن.

9-ماي كۈنى يۈزمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىغا توپلىنىپ، غالىبىيەتنىڭ 70يىللىقىغا بېغىشلانغان ھەربىي پاراتنى كۆردى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف موسكۋادا سەپەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي پاراتنى قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش شتاب باشلىقى ھاسانبېك ئالىمخۇجايىف كۆزدىن كۆچۈردى. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئاسىلبېك جيەنبېكوف، ھۆكۈمەت باشلىقى تېمۇر سارىيىف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

باش شتاب باشلىقى ھاسانبېك ئالىمخۇجايىف ئالدى بىلەن پرېزىدېنت ئاتامبايىفنىڭ مۇراسىمغا يوللىغان تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

«ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، سىلەرنى غالىبىيەتنىڭ 70يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇرۇشنىڭ تەۋەررۈك قاتناشقۇچىلىرى، سىلەرنىڭ قانلىق جەڭ مەيدانلىرىدا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقۇڭلار بىلەن قەھرىمانلىقىڭلار نەتىجىسىدە ئىلىمىز تىنچلىق ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتى. مەن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ سىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭلاردىن ئۈلگە ئېلىپ،ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تىنچلىقىنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يېزىلغان ئالماسبېك ئاتامبايىفنىڭ تەبرىكنامىسىدە.

ئارقىدىن تەنتەنىلىك ھەربىي پارات باشلىنىپ، قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى، موتورلاشقان تانكا-بىروۋنىك قىسىملىرى، راكېتا قىسىملىرى ۋە ئىچكى ئىشلار قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ ئۈچ مىڭغا يېقىن سولدات ئۇررا سادالىرى ئىچىدە ھەيۋەت بىلەن پاراتدىن ئۆتتى.

ھەربىي پاراتدىن كېيىن، بىز غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقىغا بولغان تەسىراتلىرىغا ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان قىرغىزىستان ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى مالىك باتالۇۋقا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ پولكوۋنىك مالىك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولغاي.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.