قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە ئۇيغۇر سەنئىتى نامايان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.08.27
Qazahstandiki-atagliq-artist-Sehibe-Noruzuva.jpg قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئارتىس سەھىدە نورۇزىۋا خانىم سەھنىدە.
RFA/Féruze

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىلەن قازاقىستان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىشكەك شەھىرىدە، قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە، يەنى 24-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇستقىچە بولغان تۆت كۈن داۋامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىندى.

«ئىجادىيەت كېچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ پائالىيەت قىرغىزىستان مىللىي فىلارمونىيەسىدە، يەنى مۇزىكا-كونسېرت زالىدا ئالىي دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى توكون مامىتوف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ جۇمھۇرىيەت ئالىي كېڭىشىدىكى ۋەكىلى قۇرمانبېك دىيقانبايىف، ئالىي كېڭەشىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن سايلانغان ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىلىكىنىڭ سەنئەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى رېجەپ سۇلا، گېرمانىيە ئەلچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى، قىرغىزىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، شۇنداقلا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى قانتناشتى.

قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى توكون مامىتوف ئۆز نۇتقىدا قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىر كوللېكتىۋىغا قىرغىزىستان خەلقى نامىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، كومپوزىتور قۇددۇس غوجامىياروفنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرىنچىلەردىن بولۇپ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئارتىسى» نامىغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرىنىڭ ئاكادېمىيەلىك تىياتىر نامىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

كونسېرت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رەئىسى مۇرات ئەخمىدىگە قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ مېدالى تەقدىم قىلىندى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قىرغىز مىللىي چالغۇ ئاسۋاپلىرىدىن قىرغىز قومۇزى سوۋغات قىلىندى.

ئىجادىي سەپەر جەريانىدا «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسى، ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق خەلق ئارتىسى ئابدۇرېھىم ئەخمىدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان كونسېرت پروگراممىسى، «ناۋا» ئۇيغۇر فولكلور ئانسامبىلىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسى، شۇنداقلا كلاسسىك ئەسەر «غېرىپ-سەنەم» درامىسى قويۇلۇپ سەنئەت سۆيەرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.

مەزكۇر كونسېرتقا تاماشىبىن قاتارىدا قاتناشقان نوۋوپوكروۋكا مەھەللىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانۇف ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىستلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر قايغۇلۇق كۈنلەردە تىياتىرنىڭ ئورۇندىغان سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆز كۆڭۈللىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ شادلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى رەيھانگۈل مەخپىروۋا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەنئەتكارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تامامەن ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىرگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى قوشنا دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاچقانلىقىنى ئېيتىشتى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە قازاقىستان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارىسىدا ھەمكارلىشىش مېموراندۇمى ئىمزالاندى. بۇ خۇش خەۋەر ھەققىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاق ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مىرزاھەكىم ئابدۇلوف ئۆز ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رەئىسى مۇرات ئەخمەدى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئىجادىيەت كېچىسى پائالىيىتى» پەقەتلا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ھەممە مىللەتلەر ئۈچۈن سەنئەت بايرىمى بولدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلبوستان ئىبدىمىنوۋا مۇنداق پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى جەلپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مىللىي سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي سەنئىتىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە، لېكىن ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلمەسلىك ئەھۋاللىرىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىي تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا قارالماقتا.

قىرغىزىستان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 60 مىڭغا يېقىن دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا، ئۇيغۇرلار ئاساسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، ھەم قاراقول، ئوشتىكى قاراسۇ، قارابالتا قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرگە تارقالغان.
بىشكەكتىن فەرۇزە تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.