24 سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە 1960-1970-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە نامى چىققان ئۇيغۇر پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېۋقا بېغىشلانغان، سوۋېتلار ئىتتىپاقى مەزگىلىدە داڭ قازانغان «ئالغا» ۋە «قايرات» كوماندىلىرىنىڭ دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇسابىقىگە، قازاقىستاندىن كەلگەن 40-60 ياشلىق پۇتبول ماھىرلىرى قاتناشتى. بۇ كۈنى مېھمانلارنىڭ بىشكەككە كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى-پۈتۈن سابىق سوۋېت دۆلەتلىرىگە مەشھۇر پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېۋ 80 ياشقا تولغان ئىدى. يۈسۈپ مۇسايېۋ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى كېڭىشىنىڭ ئەزاسىدۇر.
بۇ پائالىيەتنى قىرغىزىستان پۇتبولچىلار كونفېدراتسىيىسى، يەنى، پۇتبولچىلار ئىتتىپاقى بىلەن بىشكەك پۇتبولچىلار ئىتتىپاقى شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر پائالىيەتكە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن قىرغىز جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پ. تۇلېندىبايېۋ، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى كامىلجان نىيازوۋ، ئىلىم كومىتېتىنىڭ رەئىسى گ. ئىبدىمىنوۋا، ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت ئەخمەت ۋە توقماق، قارابالتا، كەڭ بۇلۇڭ قاتارلىق يېزا ھەم شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى قاتناشتى. شۇنداقلا بۇ پائالىيەتكە قازاقىستان پۇتبولچىلار كونفېدراتسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسپورت ماھىرى سېيىلدا بايشاكوۋ، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسپورت ماھىرى بېرادور ئابدۇرايموۋ قاتناشتى. ئەمما، «ئىتتىپاق» رەئىسى ئارتىق ھاجىيېۋ 23-25-سېنتەبىر كۈنلىرى جالال ئاباد ۋىلايىتىدە جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپ، ئوش ۋىلايىتىدە كونسېرت ئۆتكۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماي قالدى.
يۈسۈپ مۇسايېۋنىڭ 80 ياشلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بىشكەك شەھىرىدە، مارت ئېيىدىن تارتىپ، نەچچە قېتىم ھەر-خىل مۇسابىقىلەر ۋە باشقا پائالىيەتلەر پېشقەدەم ۋە ياش پۇتبولچىلار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر مۇسابىقىدە يەنە قىرغىزىستان پۇتبول كونفېدراتسىيىسىنىڭ رەئىسى سۆز قىلىپ، ئۆكتەبىر ئېيىدا يۈسۈپ مۇسايېۋنىڭ 80 ياشلىقىغا بېغىشلانغان «قىرغىزىستان-تۈركمەنىستان» دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە سۆزگە چىققان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسپورت ماھىرى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى «ئەڭ ياخشى فۇتبولچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ماجىت كارجانوۋ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ مۇسايېۋنىڭ ئويۇنلىرى جان كۆيەرلەرنىڭ ئېسىدە ھازىرغىچە بار، يۈسۈپ مۇسايېۋ كەلگەندىن كېيىن قىرغىزىستان پۇتبولى سابىق سوۋېتلار دۆلىتىدە بىرىنچىلىكىنى ئېلىش سەۋىيىسىدە ئويناشقا يېتەرلىك بولغان ئىدى. قايسى مەسىلىلەر بولمىسۇن، بىز ھەممىمىز يۈسۈپ ئاكىمىزنىڭ سۆزىگە قاراپ تۇرىمىز، ئۇ بىزنىڭ رەھبىرىمىز» دېدى.
پەقەت قىرغىزىستاندا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭلىق يۈسۈپ مۇسايېۋ پۇتبولچىلىقنى 1961-يىلى ئاشۇ ۋاقىتتا فرۇنزې دەپ ئاتالغان بىشكەك شەھىرىنىڭ «ئالغا» كوماندىسىدا باشلىدى. مەزكۇر كوماندىنىڭ گۈللىگەن مەزگىلى 1967-چى يىلى بولۇپ، بۇ كوماندا ئاشۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 3-چى ئورۇننى ئالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قىرغىزىستان پۇتبولى توغرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە كۆپ سۆزلەر بولغان ھەم يۈسۈپ مۇسايېۋ پۇتبول چولپىنى سۈپىتىدە چاقنىغان ئىدى.
قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى تەرىپىدىن يۈسۈپ مۇسايېۋ مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى. قىرغىزىستان پۇتبولچىلار كونفېدېراتسىيىسى بولسا بۈگۈنكى «ئالغا» ۋە «قايرات»دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم پۇتبولچىلارغا سوۋغاتلار تەقدىم قىلدى.
قىرغىزىستان ئالىي كېڭەش ئەزاسى پ. تۇلېندىبايېۋ تەبرىك سۆزىدە يۈسۈپ مۇسايېۋنىڭ «ئالغا» كوماندىسىدا 13 يىل ئويناپ، ھازىرغىچە ھەر بىر مۇسابىقىلەردە ئەڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلارنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، ياش پۇتبولچى بالىلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى سىز بىلەن پەخىرلىنىمىز، سىزدىن غۇرۇرلىنىمىز» دەپ ئېيتتى.
مەلۇمكى، يۈسۈپ مۇسايېۋ ئاددىي پۇتبولچىدىن ئاخىرى قىرغىز سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇستەقىل قىرغىزىستان مىللىي كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى بولدى. بىر نەچچە قىرغىزىستان ۋە خەلقئارا مۇكاپاتلىرىغا ساھىب بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە
«خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر»، «تەنتەربىيە ۋە ئىسپورتقا خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس»، «20-ئەسىرىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى»دېگەنلەردىن باشقا يەنە خەلقئارا پۇتبول كونفېدراتسىيىسىنىڭ رەئىسى «يوزېف باتلېرن مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى بولدى.
قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە تەخمىنەن 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئارىسىدىن ئاتاقلىق پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېۋتىن باشقا يەنە مەشھۇر ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف قاتارلىق بىر قىسىم پروفېسسورلار، دوكتورلار، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىپ قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ياخشى تونۇلغان ئىدى.