قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

0:00 / 0:00

22-دېكابىر كۈنى بىشكەكتىكى «ياشلىق ئاۋازى» ئۇيغۇر ياشلار توپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا 2017 يىلىدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر ياشلىرى مۇكاپاتلىنىپ، تەقدىرنامە ۋە سوغاتلار بېرىلدى.

ياشلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدىغان بۇ پائالىيەت 4 يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندا ئەنئەنىگە ئايلانماقتا. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەزاسى نۇرشات ئەبەيدۇللايېف مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «2014-يىلى بىز بىرىنچى قېتىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ مۇراسىمنىڭ ۋەزىپىسى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىرغىزىستان ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى. بىز بىر قانچە نەپەر تىجارەتچى ۋە تەدبىكار ئاكىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. مۇكاپاتىمىز قىرغىزىستان تەۋەسىدە ياشاۋاتقان تالانتلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى نىشان قىلغان. ھازىرچە بىز پەقەت بىشكەك شەھىرىدىن باشلاۋاتىمىز. ئالدىنقى يىللىرى قارا-قول شەھىرىدىمۇ مۇكاپاتلىرىمىزغا ئېرىشكەنلەر بولغان ئىدى. ھەرقانداق كىشى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىن تالانتلىق ئۆرنەكلەرنى تەۋسىيە قىلماقچى بولسا بىزگە ئىنستاگرام ياكى ياكى تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر بەرسە بولىدۇ. بىز بۇ نامزاتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن كېلەچەكتە ئۇلارغا مۇكاپات بېرىشىمىز مۇمكىن.»

مەزكۇر مۇراسىمغا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھەت تۆلېندىبايېف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىېف، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف، ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى پەرىدە نىزامىدىننوۋا، «دىل ساداسى» ئىجادكارلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇستەم ئابدۇرەئۇپوف قاتارلىقلار قاتناشتى.

«ياشلىق ئاۋازى» يىللىق مۇكاپاتىغا تېببىي، ئىلمىي، ئىجتىمائىي، ھوقۇق، تەنتەربىيە ۋە باشقا ساھەلەردىن 13 نامزات كۆرسىتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قارابالتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوختۇر بەھرام ئىبراگىموۋ، دوتسېنت نادىرە مۇسابايېۋا، «ئىنسان ۋە ھوقۇق» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى رۇستەم ئابدۇرەئۇپوف، تەنتەربىيە ساھەلىرىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئايتاخۇنوف ئەكبار ۋە كامىل سابىتوف، «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمران ھەمدە ئىستىلىستىكا ۋە لاھىيەلەش ساھەسىدە مۇۋەپپەققىيەت قازانغان بىر قىسىم ياشلار مۇكاپاتى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىېف، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆملۈك ۋە بىرلىك روھى بىلەن چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن «ياشلىق ئاۋازى» توپى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرگە تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلىدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھەت تۇلېندىبايېف ياشلار ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزكۇر مۇراسىمدىن پەخىرىنىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە ناھايىتى چوڭ باھا بېرىمەن، نېمىشقا دېگەندە بۇ ئىشلار ياشلارغا زور مەدەت بېرىدۇ. مەن ياشلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز. ئۇلار ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ ئۆسۈۋاتىدۇ. بىز تىجەرەتچىلەر ئۇلارنى ھەر دائىم قوللاپ كېلىۋاتىمىز، چۈنكى ئۇلار كېلەچەك ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.»

مەخسۇس مېھمانلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ قىزىقچىسى نازىم مىسانوفلار تەكلىپ قىلىندى. قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زىچ ئارىلىشىپ، يېڭى ئائىلىلەرنى قۇرۇلماقتا. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «دولان» ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىسى گۈلنۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز قىرغىزىستانغا بىرىنچى قېتىم كەلگىنىمىز يوق، بىر نەچچە قېتىم كېلىپ ھۆنەرلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. بولۇپمۇ بىزنىڭ بەدىئىي رەھبىرىمىز بەھتىيار ئىمران يازدا ئۆتكۈزىلگەن ئالتاي كۆچمەنلىرى مۇراسىمغا قاتنىشىپ، بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۆكتەبىر ئېيدا ئائىلە قۇرۇشتى. ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىر بىرىمىز بىلەن ئۆملۈكتە ئارىلىشىپ تېلېفون ۋە ئىنستاگرام ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىمىز. بىز بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتۇق.»

مەزكۇر مۇراسىمدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چالغۇ ئاسۋاپلىرى، ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۈشتۇرۇلدى شۇنداقلا «دىلشات نان-توقاچلىرى» تىزىلدى.

«ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەزاسى زارىنا ئىبدىمىنوۋانىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قىزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن رازى بولغانلىقىنى ۋە پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنىبىلدۈردى: «قىزىمىزنىڭ ‹ياشلىق ئاۋازى› توپىغا قاتناشقىنىغا بىز خۇشال، ئوبدان بولدى. ياشلىرىمىز ئۆز تارىخىنى مەدەنىيىتىنى بىلسۇن، تونىسۇن. ھازىرقى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا قىزىقمايدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ قىزىمىز قىزىقىپ ئاشۇنداق بىر پائالىيەتلەرگە قاتناشقىنىغا بىز رازى. بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتى باي. بىزنىڭ قىزىمىزمۇ سەنئەتكە قىزىقىدۇ، ئۇ كلاسسىك مۇزىكىلار بىلەن ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ چالىدۇ. ‹ياشلىق ئاۋازى› بۇ چوڭ ئىشنى باشلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا تونۇتۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى خەلايىىققا كۆرسەتكەنلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز.»

نۇرشات ئەبەيدۇللايىفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلار توپى «يىللىق مۇكاپات» مۇراسىمىدىن باشقا يەنە تەنتەربىيە مۇكاپاتىنى پىلانلىماقتىكەن. كېلەر يىلى ئەتىيازدا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوش، قاراقول ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىمۇ تەكلىپ قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئەتىيازدا يەنە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچىمىز. بۇ يىل ئۆتكۈزدۇق، پەقەت بىشكەكتىنلا ئەمەس، يەنە قارا قول شەھىرىدىنمۇ ياشلار قاتناشتى. بۇ يىلقى مۇسابىقىمىزگە ئوش ۋىلايىتىدىن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەكلىپ قىلماقچىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن بىليارد مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچىمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش. ياشلار بىر-بىرسىنى تونىسۇن، بىلسۇن، تەنتەربىيىگە قىزىقسۇن، يامان يوللارغا ئۆتۈپ كەتمىسۇن.»

نۇرشات ئەبەيدۇللايېف يەنە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىل جەھەتتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنىتەكىتلەپ، «تىل يوقاپ كەتسە خەلقمۇ يوقاپ كېتىدۇ،» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئانا تىل جەھەتتە بىزنىڭ چوڭ-چوڭ قىيىنچىلىقلىرىمىز بار. بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتىدىغان ھېچ قانداق بىر مەكتەپ يوق، ئىككىنچىدىن ئۆيدە ياشلارمۇ، چوڭلارمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدۇ. ھەممە يەردە رۇسچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەيدۇ. ئۇيغۇرچىنى سۆزلەيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان بىر يەرمۇ قالمىدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى يوقالسا، ئۇيغۇرلارمۇ يوقالىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. شۇنى قىلالىساق، ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلالايمىز.»