قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)

0:00 / 0:00


2000 - يىلدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا بويىچە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقان «ئانا تىلنى قوغداش» كۈنىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندىكى پىشقەدەم ژۇرنالىست، ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەمشىدىن ئابدۇرىھىم رادىيومىزغا سۆھبەت بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

شەمشىدىن ئابدۇرىھىم ئۆز بايانلىرىدا چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا زىيالىيلارنىڭ يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىملىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىپ چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.