قىزىل «مەشرەپ» ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەقدىرىنى كۆرسىتىپ بەردى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە» سى ئۇيغۇرچە قانىلىدىكى پروگراممىلارمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھەر شەنبە تارقىتىدىغان «مەشرەپ» پروگراممىسىنىڭ، 180-سانى «بىز ئانار دانىسى» دېگەن تېمىدا ئىشلىنىپ، پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىك، مىننەتدارلىق ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر رېژىسسور ۋە تېلېۋىزىيە خادىملىرى، ئەنئەنە ۋە خاسلىققا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ قىزىللاشتۇرۇلۇشىنى «ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرىپىگە زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ باھا بەردى شۇنداقلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى مىراسلىرىدىن بىرى بولغان مەشرەپ يۇرت يۇرتلاردا ئومۇملاشقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا سەنئەت ئويۇنلىرى، مىللىي ئەنئەنە، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات، تائام مەدەنىيىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئۇنىۋېرسال بىر مەكتەپ. شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى مەكتەپكە، بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان سۆزلەرمۇ بار.

ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن مەشرەپ مەدەنىيىتىدە، ئوخشىمىغان تارىخىي ۋە سىياسىي دەۋرلەردە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارى ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىنىڭ چولپان يۇلتۇزلىرى، سىنارىستلىرى-رېژىسسورلىرى، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ ئۇنىۋېرسال تېلېۋىزىيە سەنئىتى شەكلىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ، «مەشرەپ» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى سۈپىتىدە 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 2-قانىلى» دا كۆرسىتىلىشكە باشلىغان ئىدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تارقىتىلغان، ئەمما ھازىر توختىتىلغان «چىمبۇلاق تورى»، «مىسرانىم تورى»، «ئانا تۇپراق تورى» قاتارلىق ئۇيغۇرتور بەتلىرىدىكى مەشرەپ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا بېرىلگەن باھالاردىن، مەزكۇر پروگراممىنىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئورتاق ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بىر تېلېۋىزىيە سەنئەت پروگراممىسىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇ تور بەتلەرنىڭ بىرىدە مەشرەپ پروگراممىسى ھەققىدە: «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، پەرزەنتلىرىمىز مانا مۇشۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن بولسىمۇ ئەجدادلىرىنىڭ قالدۇرغان ئىزنالىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى كۆرۈپ تەربىيە ئالالايدۇ، مەشرەپ پروگراممىسىغا بېرىلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئىتوت، ناخشا قاتارلىقلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن نۇرغۇنلىغان كەمچىللىكلەر ۋە جەمئىيەتتىكى يامان خاھىشلار سۆكۈپ تاشلىنىپ كىشىلەرگە مەلۇم جەھەتتىن يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك مەشرەپ پروگراممىسى يۇقىرى سەۋىيىدىكى چولپانلىرىمىز بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ،» دېگەندەك يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

ھالبۇكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ 4-نويابىر كۈنى تارقىتىلغان «بىز ئانار دانىسى» دېگەن تېمىدىكى 180-سانى، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي تەشۋىقاتقا يۈزلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

«بىز ئانار دانىسى» ناملىق مەشرەپ پروگراممىسىدا، رىياسەتچىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن كىيىملەردىن ئەسەرمۇ يوق، ھەتتا ئۇيغۇر دوپپىسىنىمۇ كىيمىگەن رىياسەتچىلەرنىڭ قىزىل بايانلىرى بىلەن باشلانغان پروگراممىنىڭ تۇنجى سەنئەت نومۇرىغا ئۇيغۇر ياش ناخشىچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئۆرلە جۇڭخۇا» دېگەن ناخشا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بارلىق ناخشا-ئۇسۇل، ئىتوت ھەتتا بالىلار سەنئەت نومۇرىمۇ ئوخشاش، ھەممىسىلا خىتاينىڭ قىزىل دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېما قىلغان بولۇپ، بۇ خىل قىزىل ئېقىمدىكى سەنئەت نومۇرلىرى ئارىلىرىغا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئونلىغان داڭلىق ئۇيغۇر رىياسەتچى، دىكتورلارنىڭ يانداش سىياسىي بايانلىرى كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ پروگراممىنى كۆرگەن ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۈچلۈك سىياسىي تەشۋىقات ئىپادىلەنگەن بۇ مەشرەپ پروگراممىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالمايلا قالماستىن، ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ھەتتا بىزار قىلغانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرى ئۇيغۇر قەدىمىي خەلق مەشرەپلىرىنى قېزىپ، رەتلەپ، «ئۇيغۇر مەشرىپى» ھەققىدە مەخسۇس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تىپىدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان رېژىسسور شائىر، تاھىر ھامۇت، يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلىشىچە، مەشرەپ ئۇنىۋېرسال تېلېۋىزىيە سەنئەت پروگراممىسىنىڭ جامائەتچىلىك ئىچىدىكى تەسىرى زور بولۇشىدىن سىرت، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى قېزىش، رەتلەش، سۈرەتكە ئېلىش، خەلق ئىچىدىكى قابىلىيەتلىك تالانتلىق شەخسلەرنى بايقاش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر شەخس، ئالىم ئەدىبلەرنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ ئەسلى خاراكتېرىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىغان.

تاھىر ھامۇت ئەپەندى: «مەشرەپ پروگراممىسىنى قىزىللاشتۇرۇش، بۈگۈنلا بولغان ئىش ئەمەس، ئالدىنقى مەزگىللەردىمۇ بارلىق ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چەك قويۇش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تەكىتلىمەسلىك تەلەپلىرى قويۇلۇپ كەلگەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن باھانىلەردە ئۇيغۇرچە پروگراممىلارغا خىتايچە نومۇرلارنى قوشۇش، بارلىق ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنىڭ ئاستىغا خىتايچە خەت بېسىشقا ئوخشاشلار باشلانغىلى خېلى بولغان» دەيدۇ
ئۇنىڭ قارىشىچە، «باشقا پروگراممىلارغا قارىغاندا مەشرەپ پروگراممىسى مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر پروگرامما، ئەمدى ھازىر بۇنىڭمۇ قىزىللىشىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىگە قارىتا بۇزغۇنچىلىق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ۋە مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ بىر تراگېدىيەسى».

تاھىر ھامۇت يەنە «ھازىرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت، رادىئو تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ھەتتا بىر قانچە يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن...» دېگەن پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گوللاندىيەدىن تارقىتىلىدىغان نىدا تور رادىئوسىنىڭ قۇرغۇچىسى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ سابىق ئاۋاز رېژىسسورى ۋە ئارتىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ «بىز ئانار دانىسى» دېگەن سانىدىن ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ قاراڭغۇلۇققا پاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى ۋە تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا ئۇنىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر رېژىسسور ۋە باشقا تېلېۋىزىيە خادىملىرى، تار ئىمكانلار ئىچىدىن يول ئىزدەپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، خەلقنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. «مەشرەپ» پروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دەل بۇنىڭ بىر ئىپادىسى بولغان.

ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرىپى خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «مەشرەپ» پروگراممىسى ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى مەشرەپلەر يۇرت-يۇرتلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا مەشرەپ ئەنئەنىسىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئەمما يېقىنقى يىللاردا مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ، رېژىسسورلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، پروگرامما شەكىل ۋە ئىپادىلەش جەھەتلەردە قايتا رەتلىنىپ، مەزمۇن جەھەتتىن سىياسىي مەزمۇنلار، شەكىل جەھەتتىن نەغمە-ناۋا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالماسلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

ئابدۇسالام ئەپەندى «ئەمدىلىكتە مەشرەپ پروگراممىسى قىزىللاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئەھمىيىتىنى ۋە رولىنى تېخىمۇ يوقىتىدۇ» دەپ خۇلاسىلىدى.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ سابىق رېژىسسورى ھازىر خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە بۆلۈمى دىرېكتورى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ: «مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي مونوپول قىلىنىشى، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەچىلىكى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەشرىپىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.