ياپونىيەدە «قۇتادغۇ بىلىگ»دىكى دۆلەتچىلىك نەزەرىيىسى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى
2014.01.22
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ژۇرنىلىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخماننىڭ «قۇتادغۇ بىلىگدىكى دۆلەتچىلىك نەزەرىيىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق تارىخىي بەدىئىي ئەسىرى، بىر داستان بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىل-ئەدەبىيات، تارىخىي جەھەتتە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەدەبىي يادىكارلىق، ئىدىيە-مەدەنىيەت تارىخىي نۇقتىسىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك مەنبە.
مۇتەپەككۇر شائىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ شاھانە ئەسىرىدە، بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن ئىپادىلەنگەن بىلىم، ئاڭ-پىكىر، قانۇن-تۈزۈم، ئەدەپ-ئەردەم چۈشەنچىلىرى ئۆز زامانىسىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىنكاسىدۇر.
يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بەخت-سائادەت ئەلچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق بۈيۈك ئەسىرى ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك نەزەرىيەسىنىڭ يارقىن نەمۇنىسى سۈپىتىدىكى يىرىك ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە غەرب پەلسەپىسى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر پەلسەپىسى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا «قۇتادغۇ بىلىگ»دىن ئىبارەت بۇ گىگانت ئەسەر ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
قۇتادغۇ بىلىگ دۆلەت قۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەت باشقۇرۇش دەستۇرىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، دۆلەت قانۇنى ۋە تۈرلۈك شەرتلەر ۋە شۇنداقلا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ئىبارەت مانا بۇ نۇقتىلار مەزكۇر دۆلەت باشقۇرۇش دەستۇرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيىسى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق بولغاچقا، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر ماقالىدە دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە نەزەرىيىسىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.