«فوربېس» ژۇرنىلى: «خىتاي پۇتبولچىلىقى ئۇيغۇر چولپانلىرىغا تەييار ئەمەس!»

0:00 / 0:00

خىتايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقى ئىزچىل مۇھاكىمە نۇقتىلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن بولغان «فوربېس» ژۇرنىلىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىدە پۇتبول چوڭ دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇشنى چۈشەۋاتقان خىتايلارنىڭ پۇتبول تالانتى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارادا توپ تېپىش پۇرسەتلىرىدىن يەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. پۇتبول ساھەسى بىلەن تونۇشلۇق بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىللاردىن بۇيان «پۇتبول خىتايدا ئىجاد بولغان» دەپ ماختىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتبول ساھەسىدە زور بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە بىرەر كۆزگە چېلىقارلىق نەتىجە ۋۇجۇدقا كەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى بەزى مەتبۇئاتلاردا «ئەجەبا بىر يېرىم مىليارد نوپۇستىن توپ تەپكىدەك 11 ئادەم چىقمامدۇ؟» دېگەندەك ھەجۋى يازمىلار يەر ئالدى.

ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان «خىتاي پۇتبولچىلىقى ئۇيغۇر چولپانلىرىغا تەييار ئەمەس!» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ خىتايدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ سانى ئاشقاندەك، ئېشىشقا ئىگە بولالمىغانلىقى، ئەمما بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكنى تولدۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا پۇرسەت بېرىلمەيۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بايلىققا تىنىپ كەتكەن شەرق قىسمىدا ئەمەس، بەلكى سۈكۈتكە تولغان غەرب قىسمىنىڭ كوچىلىرىدا پۇتبول ئويۇنىنىڭ ئۆتمۈشتىكى داغدۇغىسىنى ھېس قىلىشقا بولىدىكەن. ئەمما بۇ جايلاردا پۇتبول ھەرىكىتى ھەرقاچان ئوڭايلا مىللىي كىملىك ۋە باشقا نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلىپ قالدىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي خەلقى ئەمدىلەتىن تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىدىن ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا، يەنى 1920-يىللاردىلا ئاتۇشتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى ۋە شىۋېتسىيە مىسسىيونېرلىق (دىن تارقىتىش) ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسىگە چۈشكەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن خېنرىي شاجاۋىسكى مۇشۇ نۇقتىدىن باشلاپ ئىزدىنىپ، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇشىدىكى بىر كىچىك دېتال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس زور ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «قەشقەردە تۇرۇۋاتقان كۈنلىرىمدە شۇ يەردىكى ئۇيغۇر دوستلىرىم 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى خادىملىرى بىلەن ئاتۇشتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئاڭلىشىمچە، شۇ ۋاقىتتا ئاتۇش دېھقانلىرى برىتانىيەدىن كەلگەن ئەلچىخانا خادىملىرىنى 2:0 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالغان ئىكەن. ئۇيغۇر دوستلىرىم شۇ ۋەقەنى پات-پات تىلغا ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى غەلىبە ئۈچۈن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئۇلار بۇ ئىشلارغا خېلى كۆپ چاقچاقلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتى، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نۇقتا شۇ ئىدىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك قارىشى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن ئىدى. بۇ ھال باشقا ساھەلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەكس ئېتەتتى: يەرلىكتىن چىققان بەزى شەخسلەر دائىم تەنتەربىيە ياكى سەنئەت تۈرلىرىدە داڭلىق شەخسلەردىن بولۇپ قالاتتى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ھالدىن بەكمۇ پەخىر ھېس قىلاتتى.»

خىتاي ھازىر دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مەملىكەت بولسىمۇ، شۇنچە كۆپ نوپۇسقا ئىگە خىتاي مىللىتىدىن دۇنياۋى سەۋىيىدىكى بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ شەكىللىنەلمەسلىكى ھەققىدە خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ مۇنازىرە ۋە قىزغىن مۇھاكىمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سابىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلاردىن جۈرئەت ئەپەندى بۇنىڭدا ھەمكارلىق روھى، ئوزۇقلۇق ئۇسۇلى ۋە قەھرىمانلىق جاسارىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«فوربېس» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ پۇتبول تالانتى خىتايدا بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى يىللاردىن بۇيان ئەڭ ياخشى كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر كوماندا يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە، يەنى 2012- يىلى مەملىكەتلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، 2015-يىلى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن توختىغان. نۆۋەتتە «خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونلار» نىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم تالانتلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شاڭخەي، گۇاڭجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ توپ كوماندىلىرىدا ئەڭ ياخشى توپچىلاردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن. ئۇلاردىن ئەڭ داڭلىقى نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان 26ياشلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى مىرەخمەتجان مۇزەپپەر ئىكەن. ئەمما كۆپلىگەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىغا پۇرسەتنىڭ كەلمىكى تولىمۇ قىيىنغا چۈشمەكتە ئىكەن.

خىتايدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەرەپلىمە يەكلەشلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا خېنرى شاجاۋىسكى ئۈرۈمچىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە ياشلارنىڭ كۆپ يىغىلىدىغانلىقىنى، بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە 50 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تاماشىبىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. خېنرى ئەپەندى تىلغا ئالغان شۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆك رەڭلىك مايكىلارنى كىيىپ بارغانلىقى ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە شۇ ۋاقىتلاردىلا تورلاردا ھەرخىل يازمىلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. خېنرى ئەپەندى بۇ خىلدىكى يىغىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەت شەكلىدە بىر قېتىم نامايان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە بۇ ھادىسىلەر ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئادەتتە مۇشۇ خىلدىكى پۇتبول پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولىدۇ. مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن ‹ئۇيغۇر دۇنيا لوڭقىسى› پائالىيىتى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر مەيدانغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغانلار بولسىمۇ پۇتبول ۋاسىتىسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي پائالىيەت سورۇنى بولىدۇ. يەنە بىر ياقتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇۋالىدۇ. شۇڭلاشقا پۇتبول بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى كۆپ جەھەتلەردىن ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەن، دەپ قارايمەن.»

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ خىتايدا ئىزچىل يەكلىنىپ كېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا جۈرئەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان بۇ ئىشلارنى سىياسىيغا باغلىۋالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆزىدىن-ئۆزى ئۈركۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، 1950-يىللاردىن باشلاپلا تەنتەربىيەنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىدە ئۇيغۇر ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە تالانتىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، بۇ ھال تېگىشلىك دەرىجىدە قەدىرلەنمىگەن. بۇ ھال ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى بىر پاجىئە دېيىشكە بولىدىكەن.

خىتاينىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ پۇتبولچىلىقتا ئۇيغۇرلارنى يەكلىشىنىڭ خىتاي ھازىر مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئۇيغۇرلارنى يەكلەش خاھىشى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا خېنرى شاجاۋىسكى بۇنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي كەمسىتىش بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭنىڭ چوڭ بىر پۇتبول مەستانىسى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ياخشى بىر پۇتبول دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. قەشقەردىكى ئۇيغۇر دوستلىرىم ئىلگىرى چاقچاق قىلىپ ‹ئەگەر خىتاي كوماندىسىنىڭ 11 ئەزاسى ئۇيغۇرلاردىن تاللانسا خىتاي دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولاتتى› دەپ قوياتتى. ئەمما بۇ يەردە بىزنىڭ دىققىتىمىزگە چۈشكەن بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مىقداردا پۇل خەجلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەللەردىن توپچىلارنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ پۇتبولچىلىقىدا زور سوممىلىق مائاش ئارقىلىق باشقا توپچىلارنى ياللاش ئانچە بەك ئومۇملاشمىدى. بۇ جەرياندا بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى مۇشۇ خىلدىكى مۇئاشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا تالانتلىقلارنىڭ ئۇنچە كۆپ تاللانغانلىقىنى كۆرمىدۇق. بىز بۇنىڭ بىر قىسمىنى خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە باغلاپ چۈشەندۈرەلەيمىز. شۇ چاغدىلا ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت ئىشىكلىرىنىڭ ھەرقاچان تاقىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يالغۇز پۇتبولدىلا ئەمەس، باشقا كۆپلىگەن ساھەلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قالتىس ئىكەنلىكى خىتايدا گەۋدىلەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.»

«فوربېس» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەرقاچان ماركسىزملىق دۇنيا قاراشقا ماسلاشقان ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا بولسا ھەرقاچان ئاۋازى بوغۇپ تاشلىنىۋاتقان، ئەمما مىللىي پاسوندا كىيىنگەن ھەرقايسى مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامسىز ئارتىسلار بولۇپ، قۇرۇلتايدا شۇ مىللەتلەردىن بولغان ھەقىقىي ۋەكىللەر مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.