11 بالىنىڭ ئانىسى، داڭلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ساخاۋەتچى رابىيە قادىر خانىم 1999-يىلى 11-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىگە ئېلىنغان.
5 يىلدىن ئارتۇق بىر مۇددەت خىتاي زىندانلىرىدا ئەزىيەت چەككەن رابىيە قادىر خانىم، 2005-يىلى دەل 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە ئۇزۇن يىل ئايرىلغان ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى.
بىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرىگە ئايلانغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، داڭلىق ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 10-يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن، خانىمى رابىيە قادىرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى شۇنداقلا بۇ جەرياندا ھىجران ئازابى، جاپا -مۇشەققەتلەرنى قانداق يەڭگەنلىكىنى، بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بۇ بىر جۈپ مويسىپىتلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۈرەش ھاياتىنى مەركەز قىلىپ سۆھبەتلەشتۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.