«ئۇيغۇر تائاملىرى» كىتابىنىڭ ئاپتورى 88 ياشلىق رەھىم ھوشۇروفنى ئەسلەش

0:00 / 0:00

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېقىندا 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق ئېتنوگراف ۋە شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى رەھىم ھوشۇروفنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ر. ھوشۇروفنىڭ «ئۇيغۇر تائاملىرى» كىتابى 1985-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا، 1992-يىلى رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان، 2011-يىلى رۇس تىلىدا «مىڭ ئۇيغۇر تائامى»، 2015-يىلى «1200 ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابلىرى يورۇق كۆرگەن. ئۇ شۇنداقلا «مۇقامچى»، «ئىزدەنگۈچىلەر»، «ئۈمىد»، «بوغۇزلانغان ئاۋاز»، «ئۇيغۇر زەمبىرىكى»، «پولات ئىرادە» ناملىق شېئىرىي، پروزا، ماقالىلەر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورىدۇر.

1928-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن رەھىم ھېۋۇللا ئوغلى ھوشۇروف دەسلەپ غۇلجادىكى ھۈسەينىيە مەكتىپىدە، ئاندىن ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا بىلىم تەھسىل قىلغان. 40-يىللىرى ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى باشلانغاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى سېپىدە خىزمەت قىلدى. ر. ھوشۇروف 1954-يىلى ئۈرۈمچى ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇستازلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، 1962-يىلى قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان. 80-يىللارغىچە ئاتا كەسپى بويىچە ئىشلەپ، داڭلىق ئاشپەزلەر سېپىدىن ئورۇن ئالغان ر. ھوشۇروف قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، تاكى ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققۇچە «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئىشلىدى. كېيىنكى يىللىرى ئۇ ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى تۈرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش بىلەن بىللە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست ۋە تارىخچى يادىكار سابىتوف ر. ھوشۇروفنىڭ ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «رەھىم ھوشۇروفنى ئاتاقلىق تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ ئېيتساق مۇبالىغە بولمايدۇ. چۈنكى دەسلەپ ‹ئۇيغۇر تائاملىرى› دېگەن كىتابى بېسىلىپ چىققاندا ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى مۇشۇ كىتابقا تەقرىز يازغان ئىدى. تەقرىزىدە ر. ھوشۇرنى ئاتاقلىق مۇقامچى تۇداخۇن ئەلنەغمە بىلەن تەڭلەشتۈرگەن. ز. سەمەدى بۇ كىتابقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغىنى، ر. ھوشۇر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىسھاقبېك مونىنوفنىڭ شەخسىي ئاشپېزى بولۇپ ئىشلىگەن. ئى. مونىنوف ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق رەھبىرى، شۇ جۈملىدىن سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى قاتناشقان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئە. قاسىمى: ‹مانا سىز نۇرغۇن، تۈرلۈك لەززەتلىك تائاملارنى تەييارلاپسىز. مۇشۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر تائاملىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا قالدۇرۇش كېرەك›، دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن.»

ي. سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1979-يىلى ئالماتادا ئۆتكەن پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق 2-ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر پەرزەنتى، ئاتاقلىق ئىگىلىك رەھبىرى ئاۋۇت ساتتاروف باشقۇرغان چېلەك تەۋەسىدىكى قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەتكە شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى قاتناشقان. شۇلاردىن بولۇپمۇ لېنىنگرادلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئالېكساندىر رېشېتوف، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە ئاننا مارىيا فون گابايىن ر. ھوشۇروف تەييارلىغان ئۇيغۇرنىڭ مىللىي تائاملىرىغا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى بەرگەن ئىكەن.

تونۇلغان قازاقىستانلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ر. ھوشۇروفنىڭ ئاتاقلىق ئاشپەز سۈپىتىدە تونۇلۇشىدا بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن رەھىم بىلەن 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تونۇشقان ئىدىم. كېيىن بىز يېقىندىن ئارىلىشىپ يۈردۇق. ئۇنىڭغا سەۋەب بولغىنى، ئۆز ۋاقتىدا نەشرىيات، مائارىپ، كىتاب سودىسى مىنىستىرى مېنى چاقىرىپ: ‹بىزگە موسكۋادىن مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەھبەرلىرى كېلىدۇ. مېنىڭ خەۋىرىم بار، ئۇيغۇرلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى باي ھەم لەززەتلىك. سېنىڭدىن بىر ئىلتىماس، داڭلىق ئاشپەزلەر شۇلارغا خىزمەت قىلسا› دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ر. ھوشۇر بىلەن يەنە بىر ماھىر ئاشپەز ئازاد مەمەتوفنى چاقىردىم. ئۇلارنىڭ تەييارلىغان تائاملىرى مېھمانلارغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ.»

ر. ئىسمايىلوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ر. ھوشۇروفنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەرغىب قىلىشقا مۇناسىپ تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن ئۆزىگە ھەيكەل ئورنىتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.