قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم رەھمەت يۈسۈپوفنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى تالانتلىق مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىيات-سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

ئەنە شۇلارنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى قىرغىزىستاندا ياشاپ ئۆتكەن ئارتىس، خەلق قىزىقچىسى رەھمەت يۈسۈپوف ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.