ئالماتادا ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

6-مارت كۈنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە «دۇنيا ئارت» گاللېرېيىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر كۆرگەزمىدە مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا، نادىرەم يۈسۈپوۋا، نۇزۇگۇم سامىيېۋا، ۋېنېرە ماجىتوۋا ۋە مۇنىسا گۇلىيېۋانىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل ماۋزۇلارغا بېغىشلانغان.

كۆرگەزمىنى كىرىشمە سۆز بىلەن ئاچقان «دۇنيا ئارت» گاللېرېيىسىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىخىدا مۇنداق كۆرگەزمىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى قاتناشماقتا. ئۇ بولۇپمۇ كېيىنكى يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىرى قاتارىغا بىر قانچىلىغان ياش رەسساملارنىڭ كېلىپ قوشۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى ھەم ھەر قايسىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور بەھرەمجان غىلاۋدىنوف رەسساملارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى، ھازىرقى ئاخبارات ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تارىخىدىكى چوڭ ۋە مۇھىم بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمدى رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت بولسا، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر رەسساملىرى قاتارىغا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كېلىپ قوشۇلۇشىغا چەكسىز خۇشال بولسا، ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىي روھنىڭ ئورۇن ئېلىشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «دۇنيا ئارت» گاللېرېيىسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى، يازغۇچى ھاكىمجان گۇلىيېف كۆرگەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بايرامدا ئەر كىشىلەر بارلىق خانىم-قىزلارنى تەبرىكلەيدۇ. بۈگۈن بولسا، ئەكسىچە، رەسسام قىزلىرىمىز بىزگە ئۆزلىرىنىڭ سوغىسىنى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ قازاقىستان تارىخىدا بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتىدۇ. ئالماتادا ئىجاد قىلىۋاتقان رەسسام قىزلار خېلى سانغا يېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مۇشۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇردۇق.»

ھ. گۇلىيېف مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىن يۇقىرى-تۆۋەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاساسى ئۇلاردا ھەقىقىي رەسساملارغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنىڭ، قابىلىيەتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدىنمۇ سىرت يەنە، رەسسام قىزلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىمۇ بىر يەرگە توپلاش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-ۋە 80-يىللىرى قازاقىستاندا بىر گۇرۇپپا تالانتلىق رەسساملار مەيدانغا كېلىپ، ئۇلار ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىدى ھەم قوشۇپ كەلمەكتە. رۇسلان يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئىيسا، گۈزەل مامېدىنوۋا، كۈرەش زۇلپىقاروف، ھاشىمجان قۇربانوف شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئەمدى كېيىنكى ئەۋلادلار سېپىدە كېلىۋاتقان رەسساملارنىڭ بىرى مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۆرگەزمىگە مەن تۆت ئىش بىلەن قاتنىشىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم كونا، ھەم يېڭى ئىشلىرىممۇ بار. ئاساسىي ماۋزۇ ئۇيغۇر قىزلىرى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ سۈرەت سىزغان. بۇنىڭ بارلىقىنى دادام ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ بەرگەن بىلىمىگە مەن ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.»

ئۇيغۇر رەسساملىرى قازاقىستاننىڭ بىر نەچچىلىگەن شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا چەتئەللەردىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان كۆرگەزمىلەرگە پات-پاتلا قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مەملىكەتنىڭ، شۇنداقلا ھەر خىل جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇيغۇر رەسساملىرى شۇنداقلا ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيىلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدۇر.