بۇ كىتابتا 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان. 654 بەتلىك مەزكۇر كىتاب رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋ تەرىپىدىن رۇسىيىدە نەشر قىلىنغان كىتابلار ۋە تۈرلۈك ژۇرناللار ھەم ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە رۇسلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئائىت ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان.
گەرچە ئاپتور كەسپىي تارىخچى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەتقىقات قىلغان مۇتەخەسسىس بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ۋە ژۇرنالىستىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قالدۇرغان ئىزلىرىنى قىزىقارلىق ھەم جەلپ قىلارلىق شەكىلدە، ئىلمىي ئاممىباب ئۇسلۇبتا يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالىغان.
ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ بۇ كىتابىدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي-سىياسىي، بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
كىتابتا 20-30-يىللار ۋەقەلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن
كىتابتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كەلگەن رۇس گېنېراللىرىدىن دۇتوۋ، ئاننېنكوۋ ۋە باكىچ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى رۇس قاچاقلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.
كىتابتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سوۋېتلەرگە قارشى ئاقلارنىڭ گېنېراللىرىدىن دۇتوۋ، باكىچ ۋە ئاننېنكوۋ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئوفىتسېر-ئەسكەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي تەۋەلىرىگە قېچىپ كەلگەن. ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ مەزكۇر ئاق گۋاردىيىچىلەر قوشۇنلىرىنى يوقىتىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ياڭ زېڭشىن بىلەن تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن 1920-يىلىدىكى ئىلى كېلىشىمى ۋە 1921-يىلىدىكى كېلىشىم بويىچە قىزىل ئارمىيە چۆچەكتىن كىرىپ، باكىچ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان، ئاتامان دۇتوۋ 1921-يىلى، سۈيدۈڭ شەھىرىدە سوۋېت ھەربىي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتور ۋادىم ئوبۇخوۋ ئاتامان دۇتوۋنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرگەن سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر جاسۇسى مەخمۇت غوجامياروفنىڭ ئاتامان دۇتوۋنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئاپتور ۋادىم ئوبۇخوۋ كىتابىدا 1930-يىللاردا ستالىننىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ما جۇڭيىڭ ھەم ماھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرىنى يوقىتىش، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، سوۋېتپەرەس ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا رول ئوينىغان سوۋېت ھەربىي-سىياسىي خادىملىرى جۈملىدىن جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ.
ئاپتورنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرى رۇس تارىخچىسى، پروفېسسور ئاناتولىي بارمىننىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1918-1941-يىللىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى ھەم تارىخشۇناسلاردىن يېلېنا نازېمسەۋا، بورىس مويسېيېۋ، پاۋېل ئاپتېكار قاتارلىقلارنىڭ ئارخىپلار ئاساسىدا يازغان كىتاب ۋە ماقالىلىرىدىن كەلگەن. بىراق، ئاپتور بۇ مەنبەلەرنى رەسمىي قائىدە بويىچە كۆرسەتمىگەن.
كىتابتا 1944-1949-يىللار ۋەقەلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن
كىتابتا يەنە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدىكى رۇسلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى 2-دومدا تۇرۇشلۇق گېنېراللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاق رۇسلاردىن پالېنوۋ، لېسكىن، مازھاروۋ، موگۇتنوۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور بۇ رۇسلارنى ئوخشاشلا سوۋېت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئادەملىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.
ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ بۇ كىتابىدىكى مەزكۇر مەلۇماتلار ئىلىم دۇنياسى ۋە مەتبۇئاتلارغا ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولۇنغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئاپتور بۇ ۋەقەلەر ھەم كىشىلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا قايتا تەسۋىرلىگەن خالاس.
ئەمما، بۇ كىتابلارنى ئوقۇغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى، ئا.كامالوف ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئوبۇخوۋ ئۆز كىتابىدا رۇسلارنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەپ، قانداقتۇر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت رۇسلارلا بىر تەرەپ قىلغاندەك كۆرسەتكەن.1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىمۇ خۇددى رۇسلارلا قىلغاندەك، رۇسلار ھەممە ھوقۇقلارنى تۇتقاندەك كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدىن بىخەۋەر رۇس ۋە باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە خۇددى مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقىلارنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىغاندەك چۈشەنچە بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تارىخىي رېئاللىققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەستۇر.
ۋادىم ئوبۇخوۋ ئىلگىرى «ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى»، «بېرىياغا كېرەك بولغان ئۇران» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئاممىباب ئەسەرلەردۇر. بىراق، بۇ كىتابلار رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى قىزىقىشىنى قوزغاشتا ئەھمىيەتلىك دەپ قارالماقتا. ئەمما، رۇس ئاكادېمىيىلىك تارىخشۇناسلىق ساھەسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلمىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىمايدىكەن.