بۈگۈنكى كۈندە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەسىلىسى، يەنە بىرى غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئەينى ۋاقىتتا بولشېۋىكلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەلگەن رۇسلارنىڭ بۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىش مەسىلىسىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى رۇسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىدا جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەن بولسا، 1944 - 1949 - يىللىرى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى.
ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى رۇس ئاھالىلىرى مىللىي ئارمىيىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىن كوپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك كومادىرلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.
87 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپتە مىللىي ئارمىيىگە كۆپلىگەن سوۋېتلىك رۇس، قازاق، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى ياردەمگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ۋىزۋوتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولۇپ، ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلغان. ئۇلاردىن باشقا يەنە 1918 - 1921 - يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلىكلەشكەن كۆپلىگەن رۇسلار ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىدى. ئۇلار مول ھەربىي تەجرىبە ئىگە بولغاچقا،ئۇلار ئارىسىدىن كۆپلىگەن كوماندىرلار يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن، باش قوماندان پالېنوف، شىتاب باشلىقى ماژاروف، پولكوۋنىكلاردىن لېسكىن، موگۇتنوۋ ۋە باشقىلار.
0:00 / 0:00