رۇسىيە تارىخچىسىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تۇنجى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»

0:00 / 0:00


ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي تارىخى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار 19 - ئەسىردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. 19 - ئەسىردە مەزكۇر تەتقىقاتتا ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان رۇسىيە تارىخچىلىرى ئارىسىدا تۇنجى«شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ ئاپتورى ۋاسىلىي گرىگورىيېفنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇش مۇمكىن.

ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ياكى خىتاي تۈركىستانى» ناملىق ئەسىرى 1869 - يىلى دۇنياغا كېلىپ، ھازىرغىچە ئىلىم ساھەسىدە پايدىلىنىپ كېلىنمەكتە.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ئولېگ زوتوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئۈچ دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخشۇناسلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە 1816 - 1881 - يىللىرى ئارىسىدا ياشىغان رۇسىيە تارىخشۇناسى ۋاسىلىي گرىگورىيېفنىڭ ئىلمىي ئەسىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

دوكتور زوتوفنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 20 - ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا «شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتىغا ئاساسلىقى ھەربىي جۇغراپىيونلار زور ھەسسە قوشتى»، بۇ جەھەتتە چوقان ۋەلىخانوفنىڭ «ئالتىشەھەر مەلۇماتلىرى» ( 1861 - يىلى)، باش قوماندانلىق شىتابى پودپولكوۋنىكى ئا.ن. كۇروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە»، باش شىتاب كاپىتانى ل. كورنىلوفنىڭ «قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان»( 1903 - يىلى) ناملىق ئەسەرلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. بىراق، دوكتور زوتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ھەربىي ئوفىتسېرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان»نىڭ ئومۇمىي تارىخى تەرەققىيات جەريانلىرىنى باھالاشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان، شۇڭا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى بايانلىرى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىيەلمىگەن ئىدى.»

دېمەك، مانا مۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە شەرقشۇناسى ۋاسىلىي گرىگورىيېف تۇنجى قېتىم 1869 - يىلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغىچە بولغان تارىخى جەريانىنى يورۇتۇپ بەردى.

ئۇنىڭ«شەرقىي تۈركىستان ياكى خىتاي تۈركىستانى» ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى 1869 - يىلى پېتېربۇرگدا رۇسىيە ئىمپېرىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئەسىرى كىرىش سۆز، بەش بۆلەك ۋە ئىزاھاتلار بولۇپ، جەمىي 559 بەتتىن تۈزۈلگەن.