ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا بەرگەن قۇربانلىرى

0:00 / 0:00

رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۆزلىرىنىڭ 1941-1945-يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت گېرمان ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى رۇسىيەلىكلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.

پەرغانە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەمگەكچى كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش فوندى جەمئىيىتى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا رۇسىيە تۇپراقلىرىنى گىتلېر گېرمانىيەسىدىن ئازاد قىلىش ۋە قوغداش يولىدىكى جەڭلەرگە قاتناشقان ھەم بۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە ماقالىلەر يېزىش، ھۆججەتلەرنى تەييارلاش خىزمەتلىرىگە كىرىشكەن.

تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر تارىختىن خەۋىرى يوق يېڭى رۇسىيەلىكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ پىداكارلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق رۇسلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى چەتكە قېقىش ۋە مىللەتچىلىك قىلىش خاھىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدىكەن.
9-ماي كۈنى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيەدە بۇ كۈن غەلىبە بايرىمى دەپ خاتىرىلىگەن ھەم ھازىرمۇ خاتىرىلەنمەكتە.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ رۇس خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قانداق قوغدىغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى نۆۋەتتە، ئەڭ مۇھىم كىنو ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىر تېمىسىغا ئايلانغان. مەزكۇر تېما بويىچە مەزكۇر تېما بويىچە يۈزلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە كىنولار ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەتتا ستالىننىڭ تۆھپىسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتەئە.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىدا 27 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەردىنمۇ كۆپ ساندا ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پەرغانە تۆرىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا بىر يېرىم مىليون ئۆزبېكىستانلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، 420 مىڭى ئۆلۈپ، 640 مىڭى يارىلانغان.

بىر مىليون ئەتراپىدا قازاقىستانلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ،400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. ئۇرۇشقا قاتناشقان 360 مىڭ قىرغىزىستانلىقنىڭ يېرىمى ئۆلگەن.

تاجىكىستاندىنمۇ 290 مىڭ ئادەمگە ئۇرۇشقا بېرىپ، يېرىمى دېگۈدەك ئۆلگەن. ئۆزبېكىستانلىقلاردىن 338 ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگەنلەر ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، بەزى مەلۇماتلاردا 100 مىڭ، ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇشقا بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىللىتى ئۆزبېك دەپ يېزىلغان.

ئۇيغۇرلاردىن 3 ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى جېڭى بولغان برېتىس ئۇرۇشىدىلا 22 ئۇيغۇر يىگىتى ئۆلگەن ئىدى. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوفىتسېرلىرى ئالدىنقى سەپتىن چاقىرتىلىپ، 1945-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە جىڭ ۋە شىخۇ ھەم ئاقسۇدىكى ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مىرزىگۈل ناسىروفتۇر. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى نەتىجىسىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇرۇش جاراھىتى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېغىر ئازابلارنى كەلتۈرگەن ئىدى.

لېكىن رۇسىيەدە 1941-1945-يوللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قاتنىشىپ، سوۋېت رۇسىيەسىنى قانداق قوغدىغانلىقى ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد رۇسىيەلىكلەرگە نامەلۇم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئەينى دەۋرىدىكى پىداكارلىقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى دەپ پايدىلىنىشنى مۇھىم دەپ بىلگەن.