20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەتقىقاتى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىغا ئايلانماقتا. شۇ قاتاردا رۇسىيەدىمۇ مەزكۇر تېما ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ئاكتىپلاشقان ۋە كۆپەيگەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخشۇناسلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرى بويىچە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، بىر قىسىم ئىلمىي كىتابلارنى شۇنىڭدەك كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
بۇ ساھەدە ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان رۇسىيە تارىخىچىسى پروفېسسور ئاناتولىي بارمىننىڭ ئەسەرلىرى ئۆزگىچىدۇر.
20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، جۈملىدىن سوۋېت - جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىلىرى رۇسىيە ئالىملىرىنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي ئالىملىرىنىڭمۇ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا.
بۇ ساھە بويىچە ئەڭ كۆپ تەتقىقات يۈرگۈزگەن خىتاي تارىخچىسى شېن جىخۇانىڭ ئەمگەكلىرىدىمۇ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى مەسىلىسى ئورۇن ئالغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى، رۇسىيە ۋە خىتايدا نەشر قىلىنغان ماتېرىياللىرى ھەم ئۇيغۇر مەنبەلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازغان شۇنىڭدەك يېقىندا يەنە مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە مەخسۇس رۇسچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە توختالدى.
0:00 / 0:00