ھازىر رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنى سايلاپ، جەمئىيەتلىك ئۇيۇشمىلار قۇرۇپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىدە ھەر خىل ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. مەسىلەن، موسكۋا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى» رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالەتلىك قىلىدىغان جەمئىيەتلىك تەشكىلات.
سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ھەمراجان زايىتوف 1982-يىلى خىزمەت بابى بىلەن قازاقىستاندىن كۆچۈپ كېلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مومىسى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق مالىۋاي يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ يولدىشى ئىسىدۇللا 1918-يىلى يۈز بەرگەن ئاتۇ پاجىئەسىدە قىزىل ئەسكەرلەر تەرىپىدىن لاۋار يېزىسىدا چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ مومىسى شۇنىڭ بىلەن مالىۋايدا مەڭسۈر دېگەن كىشىگە تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 30-يىللاردا ئەۋج ئالغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاقىۋىتىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەتمەكچى بولغان، ئامما ياركەنت تەۋەسىگە قاراشلىق خونىخاي يېزىسىدا تۇرۇپ قالغان. ھ. زايىتوف 1953-يىلى كىچىك چىغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تالدىقورغان يېزا ئىگىلىكى تېخنىكومىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1974-يىلى تاماملىغان. مەركىزىي قازاقىستاندا جېزقازغان ئوبلاستى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللىرى ھ. زايىتوف شۇ ياققا خىزمەتكە ئەۋەتىلىپ، ئالتە يىل مابەينىدە يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە ئىشلىدى. ئاندىن لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى بونچ-برۇيېۋىچ نامىدىكى تېلېۋىزىيە ئالاقىلىرى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، رادىئو ئالاقىلىرى ئىنژېنېرى كەسپىنى ئىگىلەپ چىقىپ، ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە ھەر خىل ساھەلەردە ئەمگەك قىلدى.
ھ. زايىتوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيەدە ئۆتكەن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يۈرەك كېسىلى بىلەن 55 يېشىمدا دەم ئېلىشقا چىقتىم. شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇرنىڭ تارىخى بويىچە ئىزدىنىۋاتىمەن. 2003-يىلدىن تارتىپ تور بەتلىرىنى قۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. قىزىقىدىغىنىم بىزنىڭ تارىختا ئۆتكەن شەخسلەر. ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللارنى ۋەتەندىكى تورلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى كىرىل يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ چىقىرىۋاتىمەن».
ھ. زايىتوف ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا پات-پاتلا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، زىيالىيلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، يۇرت-جامائەت بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا توختالدى: «2004-يىلى سانكت-پېتېربۇرگتىكى ئۇيغۇرلار مېنى يىگىت بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يىغىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ل. مۇتەللىپنىڭ 90 يىللىقىنى ‹نورۇز› ئاشخانىسىدا ئۆتكۈزدۇق. بۇ يەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلاردىن ئەمگەك قەھرىمانى مەريەم نىيازوۋانىڭ جىيەنى، شۇنداقلا ئاتاقلىق رەسسام ئازاد مەمەدىنوف ۋە باشقىلار بار».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە قازاقىستاننىڭ بولۇپمۇ ئالماتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، تۈركمەنىستان، ئۆبېكىستان، قىرغىزىستاننىڭ ئوش، توقماق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بار. ھ. زايىتوف بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھەر ياقلاردىن يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقانلار، ئوقۇشقا كېلىۋاتقانلار بولسىمۇ، ئامما سالامەتلىكى تۈپەيلى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ بېشىنى قوشۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى، ئامما بۇ يۆنىلىشتە يەنىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا تىل بىلىشنىڭ ئادەم بالىسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مەكتەپتە سەككىز يىل ئوقۇغان تىلىم شۇ بويىچە ئۆزگەرمەي قاپتۇ. مەن تىلىمنى ئۇنتۇپ قالدىم دېگەن ئادەم ئەمەسمەن. ئوقۇشقا بارغىنىمدا بولسا رۇس تىلىنى ئانچە بىلمەتتىم. ئورۇس تىلى مۇئەللىمى ‹رۇس تىلىنى بىلمەكچى بولساڭ كىتاب ئوقى› دېدى. 25-30 يىل كىتاب ئوقۇدۇم. ئىنتېرنېت كەلگەندىن كېيىن كىتابتىن نېرى كەتتۇق».
ھ. زايىتوف ئىنتېرنېت ئارقىلىق بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئالىملار، تەرجىمانلار ۋە باشقىمۇ كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلى موسكۋادا ئۆتكەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ كۆپلىگەن ئالىملار بىلەن تونۇشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا شەخسەن ئۆزى ئاچقان «ئېمېرېن نارود رۇ»، «ھەمراجان نارود رۇ»، «ھەمرا ئامراق نارود. رۇ» قاتارلىق تور بەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى قوشۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالماتادىكى يادرو فىزىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، فىزىكا-ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى بەختىيار سادىقوفنىڭ قارىشىچە، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا رۇس تىللىق تور بەتلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىشىپ، تور ئاچقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى، تاماقلىرىنى دەسلەپ قېتىم تەرغىب قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار شۇنداقلا قىرغىزىستان ياشلىرى بىلەنمۇ بىرىكىپ، بەزى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ب. سادىقوف ئۇيغۇر تورىغا بىر يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن 2004-يىلى ئالماتادا ئۆتكەن ئۇچرىشىش مۇراسىمىدا ھ. زايىتوف بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا مەن ھەيران قالغان. قانداقلارچە يولنى يىراق دېمەي بىزنىڭ ئۇچرىشىشقا كەلگەن. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. شۇ يىللاردىن تارتىپ ھەمراجان ئاكا بىر نەچچە تور بەتلىرىنى ئاچتى. ئۇنىڭ تورلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئالىم ۋە شائىرلىرى توغرىلىق مەلۇماتلارنى تاپالايسىز. كۆپىنچە بىزنىڭ تور بەتلەردە ناخشا، ئۇسسۇللار بېرىلىدۇ. تارىخ توغرىلىق ئاز بولۇپ كەتتى. شۇ تەرەپتىن ھەمراجان ئاكىنىڭ تور بەتلىرى بىرىنچى بولۇپ كېتىپ بارىدۇ دېسەم بولىدۇ».
ب. سادىقوف تور بەتلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتە مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقلا مەملىكەتتە ياشىمىسۇن ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.