«سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ئەسلەپ ئۆتۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. 2018-يىلى 17-ئىيۇن، گېرمانىيە.
«سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. 2018-يىلى 17-ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى 17-ئىيۇن كۈنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 15-ئىيۇن باشلانغان «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى 3 كۈن داۋام قىلىپ، 17-ئىيۇن كۈنى ئاخىرلاشتى. 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ پائالىيەتكە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەللەر ۋە ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشتى.

15-ئىيۇن كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن باشقا ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار بىرلىكتە ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە ھېيت نامىزى ئوقۇدى. ئاندىن جامائەت بىرلىكتە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كىرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئاندىن «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» نى بىرلىكتە قۇتلىدى.

16-ئىيۇن كۈنى «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» مۇھاكىمە يىغىنى ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى كونراد مېھمانخانىسىدا رەسمىي باشلاندى. يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىڭ تەشكىللىنىشى، جەريانى ۋە نامايىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

16-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن شاھىتلار، يەنى 1988-يىلىدىكى 15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ بىر قىسىم شاھىتلىرى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ ئۆتتى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پېشقەدەم يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەرمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە يۇقىرى باھالار بېرىشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى 3 كۈن داۋاملاشقان «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇكەررەم قۇربان خانىممۇ «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» يىغىنىدىن ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.

16-ئىيۇن كۈنى كەچتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەرىپىگە ھېيتلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتكە چوڭلار ۋە بالىلاردىن بولۇپ يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

16-ئىيۇندىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋانىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت