سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى (1)
2013.02.20
ئوز ۋەتىنىدىكى سىياسىي داۋالغۇشلار، بېسىم ۋە زۇلۇملار شۇنىڭدەك مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبلىك چەت ‘ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلەشكەن.
ئۇيغۇرلار ئەڭ بالدۇر مۇھاجىر سۈپىتىدە يەرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى-سەئۇدى ئەرەبىستاندۇر. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىلدىن بۇيان، ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تاغ-دەريالار كېزىپ مەككە ۋە مەدىنەلەرگە بېرىپ تۇرغان شۇنداقلا ئەرەب ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى ساقلاپ كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى سىياسىي داۋالغۇشلار، بېسىم ۋە زۇلۇملار شۇنىڭدەك مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەت ‘ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇلارنىڭ خېلى كۆپ ئىسلام دىنىنىڭ قىبلىسى بولغان مەككە مۇكەررەم ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يەرلىشىشى 1930-يىللاردىن باشلانغان ئىكەن. 1940-يىللاردا يەنە بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يەرلەشكەن. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كىرىشنىڭ ھارپىسىدا ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئاخىرقى تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇساپىر بولۇپ، ئۇلاردىن بىر قىسمى كېيىنچە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەتكەن. 1980-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجگە بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىمكانىيەت تۇغۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ھەج قىلىش، تۇغقان يوقلاش ۋە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ بارغان. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا.
ئۇنداقتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەلگە يەرلىشىش تارىخى قانداق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن؟ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە قانداق ياشىماقتا؟ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى، مىللىي كىملىكى ھەمدە ۋەتەن-يۇرت مۇھەببىتى قانچىلىك دەرىجىدە بولۇۋاتىدۇ؟
بۇ ھەقتە كونكرېت ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان ۋە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.