بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ھاجىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
ئابدۇلئەھەد ھاجىم ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى ۋە تەسىراتلىرى ئاساسىدا بۇ ئەلگە يەرلەشكەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا مۇھاجىر بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشەققەتلىرى ھەمدە يەرلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلۇش، ئۆسۈپ چوڭ بولۇش ھەمدە ئەرەبلەر مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇپ كېتىش جەريانىدىكى بىر قىسىم رېئال ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدى. بولۇپمۇ بۇ ئەلدىكى بۈگۈنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەرەبلىشىش ياكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى جىددىي تاللاشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00