تارىخىي شاھىت-خەمىت كەنجىبايېفنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى (1)

0:00 / 0:00

1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب شاھىتلىرىدىن بىرى، 1945-يىلىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باشتا كاپىتان، كېيىن مايور ئۇنۋانىدا خىزمەت قىلغان شتابى ئوفىتسېرى خەمىت كەنجىبايېف كۆپ تارىخىي ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان.

بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى 1950-يىللاردا باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشىغان ئىدى.

خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىش ۋە كېيىن 4 يىل مىللىي ئارمىيە شتابىدا خىزمەت قىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارغا سۆزلەپ بەردى.

دىققىتىڭلار ئۆز مۇخبىرىمىز ھازىرلىغان سابىق مايور خەمىت كەنجىبايېف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ 1-قىسمى، يەنى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدىكى ئىشلار ھەققىدە بولغاي.