يېقىندا خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ئاتاپ تىكلەنگەن ئىككى خىل يېزىقتىكى قەبرە تېشى قېزىۋېلىنغان. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ شىنخۋا تورى ۋە جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 12-ئاپرېلدىن باشلاپ بەس-بەستە خەۋەر بېرىشكە باشلىغان.
مەلۇمكى، قەدىمكى تۈرك يېزىقى مىلادىيە 8-ئەسىردىن 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئىمپېرىيە قۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگەن كۆكتۈرك قاغانلىقى ھەمدە كېيىنچە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدا كەڭ تۈردە قوللىنىلغان يېزىقتۇر. بۇ يېزىق ئىلىم ساھەسىدە قەدىمكى تۈرك يېزىقى، تۈرك-رۇنىك يېزىقى ياكى ئورخۇن-يېنىسەي يېزىقى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى چارىكىدە رۇسىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىن بايقالغان ھەمدە رۇس تۈركولوگى رادلوف تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىلىم دۇنياسىغا ئېلان قىلىنغان. دانىيە شەرقشۇناسى تومسېن 1893-يىلى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇپ چىققان ھەمدە ئۇنى تۈرك-رۇنىك يېزىقى دەپ ئاتىغان.
قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش ۋە باشقا پۈتۈكلەر موڭغۇل ئېگىزلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خېشى كارىدورىنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايلاردىن بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن، يەنى بۈگۈنكى شىئەن شەھىرىدىن بايقىلىشى تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ئۇنداقتا، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئۈچۈن نېمىشقا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندە قەبرە تېشى تىكلەنگەن؟
تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە سەلتەنەت سۈرگەن. بۇ مەزگىلدە جەنۇبتىكى تاڭ سۇلالىسى ئىچكى توپىلاڭلار نەتىجىسىدە زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان. بولۇپمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ ئۆڭلۈك-سۆيگىن، يەنى تۈرك نەسلىدىن بولغان تاڭ گېنېراللىرىدىن ئەنلۇشەن ۋە شىسىمىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇننى قازانغان. ئۇيغۇر شاھزادىلىرى ۋە گېنېراللىرى خالىغانچە تاڭ پايتەختىگە كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان بولغان. ھەربىي، سودا ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بولغان بېسىمى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارغان. مەزكۇر قەبرە تېشىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 794-يىلى ئۇيغۇر شاھزادىلىرىدىن گەچۇئو (قۇتچور) چاڭئەڭە كېلىپ تۇرغان ۋە كېسەل سەۋەبى بىلەن شۇ يەردە قازا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تاڭ پادىشاھلىرى ھەيۋەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تاڭ پادىشاھلىرىنىڭ خانلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان ھەمدە قەبرە تېشىغا خىتاي ۋە قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يادنامە يېزىپ قالدۇرغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ مەزگىلدىكى تارىخىي رېئاللىق ھەققىدە توختىلىپ ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.