14 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى شائىرلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەرسىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان 14 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى شائىرلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. 20 - ئاپرېل كۈنى مەرسىن ۋىلايىتىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە باشلانغان پائالىيەت 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئەزەربەيجان، ۋېنگىرىيە، ماكېدونىيە قاتارلىق 10 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن شائىرلار قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم قاتناشماقتا.

بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغان قۇدرەت بىلال، ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەزكۇر شائىرلار ئۇچرىشىشىنى ئۇيۇشتۇرغان مەرسىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن قۇدرەت بىلال ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 14 - قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «14 يىلدىن بېرى ھەر دۆلەتتىن ئىككى شائىر تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. بۇ قېتىم 24 كىشى بولدى. بۇ قېتىم چۇۋاشىستاندىن، ئىراقتىن، قىرغىزىستاندىن، ئالتايدىن، ئەزەربەيجاندىن، سۈرىيەدىن، ۋېنگىرىيەدىن، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن شائىرلار قاتنىشىۋاتىدۇ.»

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 1998 - يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا بۇ خىل شائىرلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بەزى يىللاردا ئىككى ئۇچرىشىشقا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم، بۇ خىل ئۇچرىشىشلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد - ئەلەملەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈرك دۇنياسى شائىرلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى شائىرلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 1957 - يىلى كۈزدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى تۈرمىدە ئىدى. دادىسى سېيىت ئابدۇلۋەلى ئەپەندىگىل بىلەن ئانىسى فاتما خانىمنىڭ 3 قىز 4 ئوغۇل جەمئىي 7 پەرزەنتى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولغان نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 1965 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان. ئۇلار 3 ئايلىق سەپەردىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 1965 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن كۆچمەن دەپ قوبۇل قىلىنغان. نۇرئەلا خانىم ۋە ئائىلىسى 106 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم تېخى بالا ۋاقتىدىلا شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، شېئىر ئوقۇشقا ۋە شېئىر يېزىشقا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى. مانا بۇ ئىشتىياقى نەتىجىسىدە، ئۇمۇ شائىرلىقتا بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە تۈركىيەدىكى شېئىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر، تونۇلغان بىر شائىرە بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيەدە كۆپ ساندا شېئىرلىرى ۋە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. ئۇ شېئىر يېزىشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك رەسىملىك كىتابىنىمۇ نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ كىتابى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە ئائىت ماتېرىيال يوق بولۇشتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى ناملىق بۇ كىتاب كىتابخانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ھازىرغىچە 40 ئەتراپىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، كۆپ قېتىم شائىرلار ئۇچرىشىشلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولماقتا.