مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 60-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىنىڭ سېپى تىل، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە يېتىشىپ چىققان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تولۇقلاندى. ئەنە شىۇ ئالىملارنىڭ بىرى شاۋدوم كىبىروف بۇ يىل 24-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىدە 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى
قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ، ئېتنوگرافىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمى، ئاندىن ئۇ قايتا تەشكىللىنىپ، تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، 1986-يىلى ئۇنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئەنە شۇنداق مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ماكانلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بويىچە ھەرتەرەپلىمىلىك ئىلمىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى ئالدىنقى سەپتىكى بۆلۈمى ھېسابلانغان تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف باشلىق تۇغلۇقجان تالىپوف، شېرىۋاخۇن باراتوف، شاۋدۇن كىبىروف ئوخشاش تەجرىبىلىك ئالىملار بىلەن بىر قاتاردا ۋالېرا مەخپىروف، گۈلباھار سېمەتوۋا، رۇسلان ئارزىيېف، دىلنۇر قاسىموۋا كەبى ياش تەتقىقاتچىلارمۇ ئىشلىگەن ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى شاۋدۇن كىبىروف بولۇپ، ئۇ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تىلشۇناسلىق ساھەسىدىن تاشقىرى، ئەدەبىياتشۇناسلىق مەسىلىلىرى ۋە تەرجىمىچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان تالانتلىق تەتقىقاتچىدۇر.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس دوكتور ئۆكتەبىر جامالدىنوف ئۆزىنىڭ 1960-يىلى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانتۇر بولۇپ ئوقۇشقا چۈشكەندە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە يۈسۈپ سۇنۋازا، ئايشەم شەمىيېۋا، شاۋدۇن كىبىروف، ئوماق ھاسانوۋا، ماھىنۇر ئالىيېۋا، مالىك كەبىروفلارنىڭ ئىشلەۋاتقان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، شۇ دەۋردە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەتنى ئىشلەپ چىقارغان دەۋرى ئىدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇنۋازا ئىككىسى ناھايىتى ساۋاتلىق تىلشۇناسلار، رۇسچە، قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىدىغان ئالىملار ئىدى. شاۋدۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ پېتى بىلەن قالدى. ئۇ لۇغەت ئۈستىدە ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلاتتى. بەدىئىي جەھەتتىن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان تەرجىمان، مېنىڭچە، يوق دېسەك بولاتتى.»
ئۆ. جامالدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ش. كىبىروف ئۇيغۇر ۋە قازاق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى نەشر قىلىشقا ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر نەچچە قېتىم گۇۋاھچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ش. كىبىروف 1929-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تەشكەنساز يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەيتلىرىدىلا تىلغا، ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى مەملىكەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئالىي ئوقۇش ئورنى بولغان قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ش. كىبىروف ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كېيىنچىرەك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماقالىلىرى «سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى»، «مالوف ئوقۇشلىرى» ئىلمىي توپلاملىرىدا، جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلارنىڭ ماتېرىياللىرىدا، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تارىخچى دوكتور مۇنىر يېرزىن شاۋدوم كىبىروفنىڭ ئۆزىنىڭ تالانتى، ئىلىمغا بولغان ئىنتىلىشلىرى جەھەتتىن باشقىلاردىن قەتئىي پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئالىم سۈپىتىدىكى تالانتىنى يۇقىرى باھالىدى: «تەرجىمان سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ خىزمەت ئابدۇللىن، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، قۇربان توختەموفلار بىلەن ياخشى ئاغىنە بولدى. مېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بېرىشتە ياردىمىم بولدى. مەن يەرلىك كومىتېتقا ئەزا بولغان چېغىمدا شاۋدۇنغا ئۆي بېرىش تەرەپدارى بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىن-بىر كۈچلۈك تىلشۇناس دەپ باھا بەرگەن ئىدىم. ئۆي ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا رەھمىتىنى ئېيتتى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ش. كىبىروف ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ۋەزىپىسى تىلشۇناسلىق ساھاسىدىن تاشقىرى، ئەدەبىياتشۇناسلىق مەسىلىلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر قاتار ماقالىلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئالىم يۈسۈپ سۇنۋازا، ئەخمەت ئىلىيېف ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە 16 مىڭ سۆزلۈك «ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەت»نى تەييارلىغان. يېقىنقى ۋاقىتلاردا ش. كىبىروف يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» درامىسىنى، «بائۇرچۇق ئارت تېكىن» رومانىنى ۋە ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» سەھنە ئەسىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ش. كىبىروف شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى يېزىشتىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن ئالىمدۇر. ئۇ 8-سىنىپ ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكىنىڭ قوش مۇئەللىپى، 11-سىنىپ تەبىئىي ماتېماتىكىلىق يۆنىلىشىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى ۋە مېتودىكىسىنىڭ، شۇنداقلا 11-سىنىپ تەبىئىي ماتېماتىكىلىق يۆنىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دىداكتىكىلىق ماتېرىياللىرىنىڭ ئاپتورىدۇر. ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرى يۇقىرى باھالىنىپ، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ھەم يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسى بويىچە «ئىلھام» مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.
ئۆ. جامالدىنوف ۋە م. يېرزىن مەرھۇمنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.