شاۋكەت نەزەروف: ئۇيغۇر سەنەتكارلىرىنى دۆلەت تەرىپىدىن قوللايدىغان پەيت كەلدى...
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.12.19
2014.12.19
Photo: RFA
قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان كەسپىي ئارتىسلاردىن تاشقىرى يەنە، كۆپلىگەن سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋە يەككە ناخشىچى - ئۇسسۇلچىلارنىڭمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر. ئۇلار بولۇپمۇ قازاقىستانلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارى كومپوزىتورلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ كۆپلىگەن ناخشىلارنى، ئۇسسۇللارنى ئىجات قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.
ئەنە شۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قانداق؟ كىم ئۇلارنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؟ بۇ سەنئەتكارلار مىللىي ئۆزگىچىلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟ دۆلەت ئۇلارنى قوللاۋاتامدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە «شەپقەت - شوۋ» تىياتىرى مۇدىرى شاۋكەت نەزەروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.