مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى راۋاجلىنىش قەدەملىرىنى باسقان ئىدى. بۇ ئەدەبىياتقا ۋەكىللىك قىلغان شائىرلار، يازغۇچىلار تەركىبىدە بولغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي، ئۆمەر مۇھەممەدىي، نۇر ئىسرايىلوف، ھېزىم ئىسكەندەروف قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدىبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىنى، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار بولۇپمۇ 60-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىدە، خەلقنىڭ ئاڭ-سېزىمىدا قېلىپلاشقان ئازادلىق، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى. ئەنە شۇنداق يازغۇچىلار قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. 7-سېنتەبىردە ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ مەركىزى چونجىدا ئۆتكەن تونۇلغان يازغۇچى، دراماتورگ، رېژىسسور شايىم شاۋايېفنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مۇراسىم ئەنە شۇنىڭ يارقىن دەلىلىدۇر.
بۇ كۈنى چونجا يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۇيغۇر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، مۇئەللىملەر، ياشلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شايىم شاۋايېفنىڭ تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان چوڭ خاتىرە كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى. ناھىيە ھاكىملىق ئىدارىسى ۋە يۇرت-جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمدا شايىم شاۋايېف ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۆھرەت نۇراخۇنوف مۇراسىمنى تەبرىك سۆز بىلەن ئاچتى. ئۇ ئۆز سۆزىدە شايىم شاۋايېفنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.
مۇراسىمدا دەسلەپ سۆزگە چىققان ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى مۇختەر ئەۋېزوفنىڭ ئوغلى، جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچى، قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى مۇرات ئەۋېزوف شايىم شاۋايېفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ بىر يارقىن نامايەندىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە شۇنداقلا مەرھۇم بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئۇلۇغ ئون ئىككى مۇقامى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىمدا يەنە قازاق خەلقىنىڭ يەنە بىر ئاتاقلىق كىشىسى، خەلق قەھرىمانى، يازغۇچى باۋۇرجان مامىش ئوغلىنىڭ كېلىنى زەينەب خانىمنىڭ شايىم شاۋايېف بىلەن باۋۇرجان مامىشۇلى ئارىسىدىكى دوستلۇق، ئىجادىي ھەمكارلىق ھەققىدىكى ھەم ئۇيغۇر خەلقى نامىغا ئېيتقان سۆزلىرى كۆپچىلىكنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.
مۇراسىمدا ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا زىيالىيلار، سەنئەتكارلار، يۇرت ئاكتىپلىرى، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ يېقىنلىرى، يۇرتداشلىرى سۆزگە چىقىپ، شايىم شاۋايېفنىڭ ئىجادىيىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف شايىم شاۋايېف تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختار ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئالىمجان ھەمرايېف شايىم شاۋايېف ياشىغان دەۋرنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئالتۇن دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئانا دىيارىدىن كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلىرىمىز قازاقىستان تەۋەسىگە چىقىپ، بۇ يەردىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس يارىتىپ بەردى ھەم بۇ يەردە كۆزگە كۆرۈنگەن، سالماقلىق دەرىجىدىكى يازغۇچىلىرىمىز بار ئىدى. بۇ يەردىكى مىللىي روھ، مىللىي كىملىك مەسىلىلىرى ناھايىتى يۇقىرى پەيت ئىدى. ئانا دىيارىمىزدىن كۆچۈپ كەلگەن زىيا سەمەدى، دولقۇن ياسىن، رەھىمجان روزىيېف قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز بۇ ياققا چىقىپ، بىرىكىپ، يۈكسەك تەرەققىيات دەرىجىسىدىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىنى يارىتىپ بەردى».
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يورۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا ئورۇن ئالغان تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نەزىرىدىن ھېچ قاچان سىرت قالمىغان ئىكەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەنقىدىي رېئالىزم ئۇسلۇبى ئارقىلىق تارىخىي ماۋزۇنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «تەنقىدىي رېئالىزم مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي ئاساسىنى تونۇش بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغاچقا بۇ ياقتىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىگە ناھايىتى تەسىر قىلدى. شايىم ئاكىمۇ چوڭ ئەسەر يارىتىش ئارمىنى بىلەن 19-ئەسىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ سېيماسىنى يارىتىشنى ناھايىتى مۇھىم دەپ ھېسابلاپ، شۇنىڭغا تەييارلىق قىلغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ «بىلال نازىم» درامىسىنى ئۇيغۇر تىياتىرىدا كۆرسىتىپ شۆھرەت قازانغان. لېكىن ماتېرىياللارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن شايىم ئاكا بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي كىرىشكەن ئىدى».
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان چېگرا ئېچىلىپ، قازاقىستانغا كۆپلىگەن كىتابلارنىڭ، مەنبەلەرنىڭ چىقىشى بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تارىخىي ماۋزۇغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئۆسكەن. شۇ جۈملىدىن شايىم شاۋايېفمۇ ئۆزىنىڭ «بىلال نازىم» ناملىق رومانىنى يېزىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دراما ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى خېلى كۈچەيگەن. بۇ يۆنىلىشتە بولۇپمۇ زىيا سەمەدى، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، ئەخمەتجان ھاشىرى، شايىم شاۋايېف ۋە باشقىلار ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىي ئۇيغۇر دراماتورگىيەسىنىڭ راۋاجلىنىشىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ 70-ۋە 80-يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىياتىرىغا دراماتورگىيەگە قىزىقىشى بىلەن كەلگەن. ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە چوڭ دراماتورگلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېزمەت ئابدۇللىن، جامالىدىن بوساقوف ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى بولدى.»
ئەخمەتجان ھاشىرىي بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇر دراماتورگىيەسىنىڭ راۋاجلىنىشىدا يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ، زىيا سەمەدىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ھازىرقى ۋاقىتتا بولسا ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق درامىسى بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ «ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار»، «مۇقامچى»، «ئىدىقۇت» قاتارلىق درامىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دراماتورگىيەسىگە بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.