ستالىن شېڭ شىسەينىڭ «سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشىغا يول قويمىغان (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.04.15
sheng-shisey.jpg 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق خىتاي شېڭ شىسەي.
en.wikipedia.org

1933-يىلى، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى يىقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي تىكلەنگەندىن كېيىن، تاكى 1944-يىلىغىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈم سۈردى.

شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدىن تارتىپ، مۇستەھكەملىشىغىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىم تايانچ كۈچ بولدى.

ستالىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشىنى، شۇنىڭدەك يەنە شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەكلىپىنىمۇ قوللىمىدى. شېڭ شىسەي ستالىندىن كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقىغا يول قويماسلىق سىياسىتى بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ستالىن بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا خەت ئالاقىلىرى بولغان.

موسكۋانىڭ بۇ قارارلىرى ئۇزۇن يىللار مەخپىي ساقلانغان بولۇپ، بىر قىسىم ھۆججەتلەر يېقىندا ئېلان قىلىندى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.