زامانىۋىي ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە 1940 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تاشكەنتتە تەسىس قىلغان «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە كوممۇنىزىم مەپكۇرىسىنى شەرق ئەللىرىگە تارقىتىش مەقسىتى بىلەن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» نامىدىكى كۆپ تىللىق نەشرىياتنى تەسىس قىلغان. نەشرىيات قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى 8 چوڭ تىلدا كىتاب نەشىر قىلىشقا باشلىغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىنغا قوشۇمچە قىلىپ 8 تىلدا رادىئو ئاڭلىتىشىنىمۇ يولغا قويغان. «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە كىتاب ماتېرىياللار ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزۈلۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20 - ئەسىردىكى زامانىۋىي مائارىپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىدىيە ئۆزگىرىشلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 87 ياشلىق پېشقەدەم زىيالى، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر راشىدىن ئاكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. باتۇر ئاكا مەزكۇر نەشرىياتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باتۇر راشىدىن ئاكا ئۆز بايانلىرىدا يەنە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالمۇتادا «قازاق ئېلى» نەشرىياتىنىمۇ قۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يوقۇرىقى ھەر ئىككى نەشرىياتتا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدا كۆپلىگەن كىتابلار نەشىر قىلىنغان.
«شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى 1940 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشىر قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇس كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن سوۋېت ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر، دەرسلىك ماتەرىياللار، ماركىسىزم نەزەرىيەسىگە دائىر كىتابلار، ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتتىكى «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتىدا بېسىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزىلىۋاتقان كىتاب - ماتېرىياللاردىن خەۋپسىرىگەن. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تېمىسىدىكى كىتابلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىدىكى تەشۋىقاتلىرى بىلەن سىغىشالمىغان.

بۇنىڭ بىلەن 1950 - يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، تاشكەنتتىكى «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى بىلەن ئالمۇتادىكى «قازاق ئېلى» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. باتۇر ئاكا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ماۋزېدوڭ بىلەن بىللە موسكۋاغا سەپەر قىلىشى ۋە قايتىشىدا ئۆزى يالغۇز قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇشۇ خىل مەخپىي ۋەزىپىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.