سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ ھەمشىرىسى 90 ياشلىق سانىيە ئانا ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتە بېشكەك ئەتراپىدىكى 300 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى قايغۇلۇق دەپن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 40 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش سېپىدە سانىتاركا بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان سانىيە راخمانوۋانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئۇزاتتى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىقھاجى ھاجىيىف مەرھۇمەنىڭ 90 يىللىق ھايات كەچمىشلىرى ھەمدە ئىسىل پەزىلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.

بېشكەكتىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.