ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا «شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسى» ئېچىلدى

0:00 / 0:00

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسى نامى ئاستىدا زەيتىنبۇرنىنىڭ ئەڭ ئاۋات ئورنى بولغان پويىز ئىستانىسى يېنىدىكى مەيداندا سودا يەرمەنكىسى ئاچتى.

ھەر يىلى بىر قېتىم ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان سودا - تىجارەت ئىجتىمائى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 4 - قېتىملىق سودا يەرمەنكىسى ئۆتكەن ھەپتە سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئېچىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم زەيتىنبۇرنۇدا ئېچىلغان بۇ يەرمەنكىدە ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەر سېتىشقا سونۇلغاندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تائاملىرى قويۇلغان.

بۇ يەرمەنكە ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى كىرىم قىلىپ ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىنغان.

بۇ يەرمەنكىدە بىر قىسىم خەيىر - ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەر ئىئانە قىلغان ھەر خىل تاۋار - ماللار سېتىشقا قويۇلغان ۋە زەيتىنبۇرنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللار ھەمكارلىشىپ ئۆيلىرىدە ئۇيغۇرچە تائاملارنى پىشۇرۇپ ئەكىلىپ يەرمەنكىگە قويدى.

يەرمەنكە ئېچىلغان چوڭ مەيدانغا چىدىر تىكىلگەن بولۇپ، چېدىرنىڭ ئەتراپىغا «شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسىگە خوش كەلدىڭىز» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلار ۋە تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان.

ئىگىلىنىشچە، بۇ يەرمەنكە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

بىز بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچا ۋە ئاياللار بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى مەلىكەزات قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.