شىۋېتسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تىرىشىپ ھايات كەچۈرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.01.06
emir-axtam-chish-doxtur-shiwetsiye-2.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر چىش دوختۇرى ئېمىر ئاختام پاراكتىكانتلارگا كېسەلنى دەۋالاش باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. 2016-يىلى يانۋار.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن بولۇپ،شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەمىنلىگەن مەلۇماتىغا كۆرە ھازىر شىۋېتسىيەدە تەخمىنەن 3000 يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇنىڭ كۆپ سانلىق قىسمىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ ئۇيغۇرلار كۆچمەن بولغان دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەدە شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق ئىگىلەش بىلەن بىرگە، بەزىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇپ ھەر ساھەلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن بىرى مۇرات ئاختام ئائىلىسىدۇر. مۇرات ئاختام ئەپەندى 2000-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىللىك جاپالىق ئوقۇش، ئىشلەش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى، خۇشال-خۇرام تۇرمۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى.

مۇرات ئاختام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەگە كېلىش قىسقىچە تارىخىنى بايان قىلدى:

ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تارىخىدا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىملىق كۆچمەنلىك مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن. مەسىلەن، مۇرات ئاختام ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ئاختامنىڭ مومىسىنىڭ دادىسى 1864-يىلى، يەتتىسۇ ۋادىسىغا، يەنى ھازىرقى قازاقىستانغا قەشقەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. مومىسى 1876-يىلى قازاقىستاندا دۇنياغا كەلگەن.مۇرات ئاختام قازاقىستاندا دۇنياغا كەلگەن 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇرات ئاختام قازاقىستاندا رۇس مائارىپىدا ئوقۇپ، ھەربىي ئىنستىتۇتنىڭ پۈتتۈرۈپ قازاقىستاندا ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي ۋەزىپىلەردە بولۇپ، پولكوۋنىك ئۇنۋانىغىچە ئېرىشكەن ۋە ئاخىرىدا شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ ياشاش يولىنى تاللىغان. شىۋېتسىيەدىكى چوڭلاردىن پولات ئەپەندىمۇ 1998-يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستاندىن كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، كۆچمەنلىكى قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزى پېنسىيەدە ياشىماقتا.

ئۇ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

پولات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھاياتىدا ئىككىنچى قېتىم كۆچمەن بولغانلىقى ۋە ئائىلە تارىخى ھەم شىۋېتسىيەگە كېلىش جەريانلىرىنى بايان قىلدى. پولات ئاكا ئەسلى يۇرتى غۇلجىدىن بولۇپ، 1944-يىلى تۇغۇلغان، 1958-يىلى خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا، قازاقىستانغا كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ، كېسەل سەۋەبى بىلەن ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شىۋېتسىيەدە پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىگەن، بىر قىزى سېسترا، يەنە بىر قىزى دورىگەرلىك كەسىپلىرىدە ئۇقۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تىرىشىپ ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ، شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە ماسلىشىپ ھەم پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، شىۋېتسىيەدىكى باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارىدا، جۈملىدىن شىۋېتسىيە خەلقى قاتارىدا جەمئىيەتكە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان مۇرات ئاختام ۋە پولات ئەپەندىلەر ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىمۇ مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە خاس ھايات مۇساپىرلىرى ۋە تارىخى مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.