شىۋېتسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيەت ۋە كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.01.07

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رۇس تىلى مائارىپى ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىش ئومۇمىي يۈزلۈك تۈردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئائىلە ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئالغان تەلىم-تەربىيەنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئانا تىلىنى ئىمكان بار ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان شۇنىڭدەك مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان.

ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە رۇس تىلىدىن باشقا يەنە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە دۇچ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ بىر تەرەپتىن شۋېد تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ تىللارنى تېز ئارىدا ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر ساھەلەرگە خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.

ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ۋە 1950-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەنلەرمۇ بار.

قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن مۇرات ئاختام ئەپەندى ۋە باشقا بىر قىسىم كىچىكىدىنلا رۇسچە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەر ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىندۇر. بىراق، ئۇ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمۇ شۋېد تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن ۋە ئوغلى ئەمىر ئاختامنى چىش دوختۇرى قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.

مۇرات ئاختام ئۆز ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۇنۇتمىغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەگە قازاقىستاندىن كېلىپ يەرلەشكىنىگە 13 يىل بولۇگان ئابدۇمېجىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە باشقا قازاقىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئەسلىدە رۇس تىلى تەسىرى ۋە بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت ئۆيدىلا ياكى جامائەت ئىچىدە ئۆگەنگەنلىكى، شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز تىلىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇنى ساقلاش ۋە ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەسلى ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلمىغان ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنىگە بېرىپ باقمىغان، بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋىسى، مومىسى قەشقەر ياكى ئىلى ۋادىلىرىدا تۇغۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەتكەنلەر بولسىمۇ ئەمما، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ ۋە كۆڭۈل بولىدۇ. ئۇلار شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى ۋە جامائەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشماقتا.
مۇرات ئاختام گەرچە قازاقىستاندا تۇغۇلغان 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتى بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن باشلاپ شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مالىيە خىزمىتىنى 12 يىل ئىشلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇمېجىت ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ھېچقاچان كۆرمىگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىنىڭ ئاشۇ جاي ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق مۇرات ئاختام ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىمىغان ئىككى مەدەنىيەت،مائارىپ تەربىيىسىدە تەربىيەلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىش ھەم باشقا پائالىيەتلەردە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەت ئەپەندىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىۋېتسىيە، بېلگىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.