شۋېتسىيەنىڭ يەۋلە (Gävle) شەھىرىگە قاراشلىق سكۈتخەر رايونىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت»كۈنى نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
سكۈتخەر رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 30 غا يېقىن بولۇپ، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى، تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شۇ رايونىنىڭ چەتئەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائال تەشكىللىنىشى بىلەن پائالىيەت 22 - فېۋرال شەنبە كۈنى سكۈتخەر رايونلۇق كۇتۇپخانا پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دولەت بايرىقى كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن سىرىت، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەييارلانغان نەمۇنىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو، ساڭزا، سامسا، گۆشنان ۋە كاۋاپ قاتارلىق يېمەكلىكلەرمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ ھازىرلانغان سىن فىلىملىرى، كىتابلار ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلار مېھمانلارغا تارقىتىلدى.
بۇ پائالىيەتكە شۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا مۇخبىرلار نەق مەيداندا پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلار بىرىلدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى پاكىتلىق مىساللار بىلەن سۆزلەپ بېرىلدى.

ساھىپخان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان لىرىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى، يېقىملىق ناخشىلار، شوخ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ سەنئەت قىسىمىنى جانلىق نامايەن قىلدى ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان يەرلىكلەرنىمۇ ئۆزلىرىگە جور قىلىپ، پائالىيەتنى تىخىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتەردى.
ئاخىرىدا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزىلىك يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تىگىشتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تەرپىدىن يۇقىرى باھالار بېرىلدى.
پائالىيەتنىڭ باش تەشىكىللىگۈچىسى مۇھەممەتجان مەھمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.